مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 82-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئالاقىدار لايىھە ۋە تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

2021.01.22 19:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 82-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 21-يانۋار چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېي يىغىندا ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، مەمۇرىي جازا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، دېڭىز ساقچى قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، بېيجىڭ پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات بەردى. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، ئالاقىدار لايىھەلەرنىڭ تەكلىپ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جاڭ يېسۈي يىغىنغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بېلگىيە پادىشاھلىقىنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»گە قاراپ چىقىش ئەھۋالى ۋە شەرتنامىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تۈزۈلگەن نۇسخىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى قاتارلىق ئۈچ مەخسۇس كومىتېتنىڭ ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى قاتارلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى يۇقىرىقى لايىھەلەرنى ئاۋازغا قويۇش تەكلىپى بېرىلگەن نۇسخىسى قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ