مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «بەشنى تۇتۇش»نى ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2021.01.21 19:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى. مۇخبىرنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مائارىپنى، يۇغۇرۇلۇشنى، تەرەققىياتنى، قانۇن ئىدارە قىلىشنى، مۇقىملىقنى تۇتۇپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  «فۇنكسىيەلىك مەسئۇلىيەتنى ئاساسىي لىنىيە بويىچە ئەلالاشتۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىدە ئاساسىي لىنىيەگە كۈچەپ، خادىملار كۈچىنى ئاساسىي لىنىيەگە كۈچەيتىش لازىم.» دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مىللەتلەر مەسىلىسىنى تەھلىل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلىرى يەنىمۇ بېيىتىلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشنىڭ غەلىبىسىدىن ئۈمىد بار، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتىدە ئىناقلىق، مۇقىملىقنى سىجىل ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى... 2020-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر سالغاندا، يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئۆگىنىش كېرەك؛ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى قاتارلىق چوڭ ئىشلارنى ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نەزەرىيە تەتقىقاتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مىللەتلەر سىياسىتى، قانۇن-نىزاملارنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك؛ خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ساھەسىدىكى زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ