مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ يېزىلاردا تېرىلغۇ يەرنى قالايمىقان ئىگىلەپ ئۆي سېلىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

ئېشىش مىقدارىنى قەتئىي توسۇپ، ساقلانما مىقدارنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پائال، پۇختا، قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2021.01.22 19:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 21-يانۋار بېيجىڭدا، يېزىلاردا تېرىلغۇ يەرلەرنى قالايمىقان ئىگىلەپ ئۆي سېلىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېزىلاردا تېرىلغۇ يەرنى قالايمىقان ئىگىلەپ ئۆي سېلىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېرىلغۇ يەر − ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جان تومۇرى، تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇش كېرەك. يېزىلاردا تېرىلغۇ يەرنى قالايمىقان ئىگىلەپ ئۆي سېلىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ئەھۋالنى ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش سىياسىتىنى پائال تەتقىق قىلىپ، يېڭىدىن كۆپىيىش مەسىلىلىرىنى قەتئىي توسۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرگە بىر قەدەر ياخشى ئاساس سالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇش ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردا تېرىلغۇ يەرنى قالايمىقان ئىگىلەپ ئۆي سېلىشنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پائال، پۇختا، قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈزەش خىزمىتى پوزىتسىيەسى قەتئىي بولۇشى، مۇھىم نۇقتا ۋە رىتىمنى ياخشى ئىگىلىشى كېرەك. «قەتئىي تاقەت قىلماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردا تېرىلغۇ يەرنى قالايمىقان ئىگىلەپ ئۆي سېلىشتىكى «سەككىزگە يول قويماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىقدارى ئېشىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. تۈرگە، باسقۇچقا ئايرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساقلانما مىقدارنى قانۇن بويىچە تەرتىپلىك تۈزەپ، مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىش، كۆپ ئىگىلىۋېلىش، قانۇنسىز سېتىش قاتارلىق يامان غەرەزدە يەر ئىگىلەپ ئۆي سېلىش قىلمىشلىرىنى كۈچەپ تۈزەپ، تۈزەش تەرتىپىنى ئىلمىي بېكىتىپ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەي، ئاددىيلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. بىر قىسىم جايلارنى تاللاپ ئالدىن يولغا قويۇپ، تەجرىبە توپلىغاندىن كېيىن پۇختا قەدەم بىلەن تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش كېرەك. قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتلىرىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانۇن ئاساسىغا ئىگە قىلىش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. تارقاقلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تەستىقلاش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مۇۋاپىق ئۆي سېلىشقا يەر ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەشكىلىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئۆلكە دەرىجىلىك باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈزەش خىزمىتى ئەمىر-پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە يېزىلاردىكى تېرىلغۇ يەرنى قالايمىقان ئىگىلەپ ئۆي سېلىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ