مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە قاتتىق بولۇش كېرەك، قالايمىقان ئىش قىلىشقا بولمايدۇ

2021.01.22 19:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، «شىجياجۇاڭ نەنيىڭ بازىرىدىكى بىر بوۋاي سىرتقا چىققاندا دەرەخكە باغلاپ قويۇلۇش ھەمدە ھاقارەتلىنىش» ۋەقەسى ئاممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. گاۋچېڭ رايونى نەنيىڭ بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى 20-يانۋار سەھەردە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋەقەگە چېتىشلىق شۈيفەنجەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يەن XX نى ۋەزىپىسىدىن توختىتىپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. نۆۋەتتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىسمانىي ئەركىنلىكنى قانۇنسىز چەكلەش دېلوسى بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئوتتۇرا-يۇقىرى خەۋپ-خەتىرى بار رايونلاردا، قاتتىق بولغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ھەقىقەتەن بىر قەدەر ياخشى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈنۈمى ئېلىپ كەلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىمۇ ئادەتتە چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ھەددىدىن زىيادە ئەركىن، ئاددىي، قوپال، ھەتتا قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە پىسەنت قىلماي، جاھىللىق بىلەن كەنتكە كىرگەن بۇ بوۋايغا قارىتا، كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى تەنبىھ بېرىپ تەربىيە بەرسە بولىدۇ، تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ نەسىھەت قىلسا بولىدۇ، ئەگەر ھەقىقەتەن نەسىھەتكە قۇلاق سالمىسا، قانۇن ۋە تۈزۈم ئارقىلىق چەكلىسە بولىدۇ، لېكىن ئادەمنى باغلاپ قويۇپ تەربىيە قىلسا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كەلسە-كەلمەس ئىش قىلىش، شەخسىي جازا ئىشلىتىش گۇمانىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

  بۇلتۇر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بەزىلەر ماسكا تاقىمىغانلىقى ئۈچۈن يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرى تەرىپىدىن تامغا باغلاپ قويۇلغان، بەزىلەر ئۆيىدە ماجاڭ ئوينىسا، يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرى ماجاڭ ئۈستىلىنى چېقىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، ئاممىنىڭ بىزارلىقىنى قوزغىغان ئىدى. بۇ ئىشلار گەرچە ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، لېكىن بىزنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە شەكىل، ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىشكە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، قوپال تىل ۋە چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەت ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قارىماققا «قاتتىق» تۇتۇشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يېڭى ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش چوڭ ۋەزىيىتىگە پايدىسىز.

  ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن بولماقتا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە قاتناشقان فۇنكسىيەلىك تارماقلار ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى چوقۇم قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش نۇقتىسىدىن قانات يايدۇرۇشى، ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدا قوپاللىق قىلماسلىقى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ