مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پومپىئونىڭ باياناتى بىر پارچە كېرەكسىز قەغەز

2021.01.22 19:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  1-ئاينىڭ 19-كۈنى، پومپېئو ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ نامىدا شىنجاڭغا ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە يەنە بىر قېتىم سەۋەبسىز ھۇجۇم قىلىپ، قارا چاپلىدى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. جۇڭگوغا قارشى بۇ كۈچلەر بۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرنى خاتا يېتەكلەپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان سىياسەت مەسىلىسىدە ئاتالمىش «سىياسىي مىراس» قالدۇرۇشقا ئۇرۇندى.

  جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئاللىقاچان دۇنياغا جاكارلاندى. جۇڭگو تەرەپ ھازىرغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىنجاڭغا ئالاقىدار سەككىز پارچە ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان 20 نەچچە مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن تەپسىلىي، ئەمەلىي سان، مىساللار ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان، ئىتتىپاق، ئىناق تۇرمۇشىنى نامايان قىلدى. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە ئەمەلىيەتكە كۆز يۇمۇپ، نۇرغۇنلىغان يالغان گەپلەرنى تارقاتتى، بۇ، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنى ئەكىس ئەتتۈردى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جۇڭگو ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قارا چاپلاپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى»نى پەيدا قىلىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىمەكچى بولغانلىقىدەك رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى.

  ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى سىجىل تەرەققىي قىلىپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، مەدەنىيەت مىسلىسىز گۈللىنىپ، دىنلار ئىناق، رايىش بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. پاكىت ئالدىدا، ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «رەسمىي بېكىتىشى» كېرەكسىز قەغەزدىن باشقا نەرسە ئەمەس!

  جۇڭگو شىنجاڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئۆتكەن تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى قايتا يۈز بەرمىدى. جۇڭگو ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشىغا ئىلھام بەردى، ياردەم بەردى ۋە قوللىدى.

  پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە. ھەرقانداق تۆھمەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ؛ ھەرقانداق پىتنە-ئىغۋا شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش پاكىتىنى يوققا چىقىرالمايدۇ؛ ھەرقانداق سۇيىقەست شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات، گۈللىنىش مۇساپىسىگە كاشىلا قىلالمايدۇ. پومپېئو ئېقىمىدىكىلەرنىڭ جۇڭگوغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىشى دۇنيانى ئالدىيالمايدۇ، جۇڭگوغا قارا چاپلىيالمايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېخىمۇ توسۇپ قالالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ