مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

«سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش» چۆرىدەپ كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىندى

ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2021.01.22 19:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 46-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى 21-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەش ۋە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرگە تارىخىي، دىيالېكتىك، ئومۇميۈزلۈك مۇئامىلە قىلىپ، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالى ئەمەلىيىتىگە قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  11 ئەزا ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن چارە-تەدبىر كۆرسەتتى. 100 دىن ئارتۇق ئەزا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسىدا پىكىر بايان قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزۈم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار ئىجازىتىنى زور دەرىجىدە قويۇۋېتىپ، ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىز دۆلەت سودا مۇھىتىنىڭ خەلقئارا رەت تەرتىپىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازارلاشتۇرۇش دەرىجىسى، قانۇنچىللىق كاپالىتى، خەلقئارالاشتۇرۇش قەدىمى، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەش بوشلۇقى بار، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشتا يەنىلا ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  بەزى ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: يۇقىرى ئۆلچەملىك تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم شەرتى قىلىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىش كېرەك. بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى ۋە ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ تەرەپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تەكرار تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئېنىقلاپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا چېتىشلىق تەكشۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنغا رىئايە قىلغۇچىلارغا قارىتا «مەسىلىسى بولمىسا كاشىلا قىلماسلىق»، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قارىتا «كەسكىن مۇئامىلە قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى رايونلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتىدىكى يالغۇز ئارالنى تۇتاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپ قاترىتىش، ئاممىنى ئاز قاترىتىش كېرەك.

  ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان ھېساباتىنى ئېنىقلاشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «يېڭى ئەمەلدارلارنىڭ كونا ھېسابات بىلەن كارى بولماسلىقى»نى توسۇش كېرەك. كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ھەق ئېلىش تىزىملىكى تۈزۈپ، ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغانلىرىنى بىردەك مەنئى قىلىش، ئېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىش كېرەك. كارخانىچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، كارخانا بىلەن كارخانىچىلارنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان خاتا، ناھەق دېلولارنى داۋاملىق پەرقلەندۈرۈش ۋە تۈزىتىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ۋە سودا مەخپىيىتىگە رايون، ساھە ھالقىپ چېقىلىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تىجارەت-سودا مۇھىتىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۈچىنچى تەرەپ باھالاشتىن ياخشى پايدىلىنىپ، جايلارنىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەش، كېڭەيتىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، لى بىن يىغىنغا قاتناشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ باش تېمىدا سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرىدىن ياڭ ۋېيمىن، گۇ جېنچۈن، مياۋ ۋېي، گې خۇڭلىن، جاڭ جەنبىن، ليۇ جېندۇڭ، ليۇ مىڭجۇڭ، جياڭ يىڭ، خۇاڭ لى، چېن جىلى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەردىن چۈ لۈنچۈەن سۆز قىلدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ