مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2021.01.20 19:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى 18-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە بىرلىك سەپ دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپ، زىممىمىزدىكى ۋەزىپە تېخىمۇ ئېغىر، جارى قىلدۇرىدىغان رولىمىز تېخىمۇ مۇھىم. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بىرلىك سەپنىڭ ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ تونۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خىزمەت ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قوزغاشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى يارىتىش، ياخشى قەدەم تاشلاش ئۈچۈن كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش، بىر نىيەتتە بولۇش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ بىرلىك سەپ سىستېمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەت نەتىجىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن بىرلىك سەپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى»نى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاپ، بىرلىك سەپ كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدار سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىل زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپنىڭ ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىپ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەپ تۇتۇپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى تۇتۇپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشنى تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، زورايتىش كېرەك. بىرلىك سەپ كادىرلىرىنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بىرلىك سەپ ئېڭى، بىرلىك سەپ ئىقتىدارى ۋە بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ