مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» دېگەن كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2021.01.22 19:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» دېگەن كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشنى چىقىش قىلىپ، ئالاقە تورىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورىنى تۈزەپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا چېتىلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تور ئۇچۇر ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە تور ئىدارە قىلىش يولىنى ئاچتى. يولداش شى جىنپىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى تور ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش − بىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» توققۇز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 285 بۆلەك بايان بار، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى سۆزى، دوكلاتى، نۇتقى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى، تەبرىك خېتى قاتارلىق 100 پارچە مۇھىم ھۆججەتتىن ئېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن بايان تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ