مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالىدى

«كارخانا نامىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىندى

2021.01.20 19:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «كارخانا نامىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىستارتىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، «بەلگىلىمە» بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. كارخانا نامىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت بولۇپ، كارخانا قۇرۇشقا قولايلىق يارىتىپ، كارخانا قۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق. «بەلگىلىمە»دە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ كارخانا نامىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، كارخانا نامى بايلىقىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، كارخانا نامىنى تىزىملاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كارخانا قۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە ياخشى بازار تەرتىپىنى قوغداپ، كارخانا نامىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئوچۇق بولۇشىغا، قوبۇل قىلىنىشىغا، ياخشى باشقۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «بەلگىلىمە» جەمئىي 26 ماددا بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، كارخانا نامىنى ئۆز ئالدىغا مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كارخانا تىزىملاش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە كارخانا نامىنى ئۆز ئالدىغا مەلۇم قىلىشنىڭ كونكرېت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى كارخانا نامىنى مەلۇم قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ياكى كارخانا تىزىملاش ئورگىنىنىڭ مۇلازىمەت كۆزنىكىدە ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ، تۈزگەن نامىنى سۈرۈشتۈرۈپ، سېلىشتۇرۇپ ۋە تاللاپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامنى تاللىسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ كارخانا نامى بىلەن باشقىلارنىڭ كارخانا نامىنىڭ باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە يېقىن كېلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىشى كېرەك. ئىككىنچى، كارخانا نامىنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «بەلگىلىمە»دە كارخانا نامىنىڭ ئاساسىي ئامىللىرى ۋە قۇرۇلمىسى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، كارخانا نامىنىڭ چەكلەش خاراكتېرلىك تەلىپى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار، كارخانىلارنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرى، كارخانا گۇرۇھلىرىنىڭ نامىنى تىزىملاش قائىدىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۈچىنچى، كارخانا نامى تالاش-تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كارخانا باشقا كارخانىنىڭ نامى ئۆز نامىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى، دەپ قارىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا ياكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى دەپ گۇمان قىلىنغان كارخانىنى تىزىملىغان ئورگانغا بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ كارخانا تىزىملاش ئورگىنى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، كارخانا تىزىملاش ئورگىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە مەمۇرىي كېسىم چىقىرىشى كېرەك. تۆتىنچى، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. كارخانىنى تىزىملىغۇچى ئورگان كارخانىنى تىزىملىغاندا، كارخانا نامىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بايقىسا تىزىملىمايدۇ ھەمدە سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرىدۇ؛ تىزىملانغان كارخانا نامىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بايقىسا، ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك. باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەر تىزىملاتقان كارخانا نامىنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا، كارخانا تىزىملاش ئورگىنىدىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. كارخانا نامىدىن پايدىلىنىپ ناتوغرا رىقابەت قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كارخانا تىزىملاش ئورگىنى كارخانا نامىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشنى قانۇن بويىچە بېكىتىشتە، كارخانا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تىزىم ئۆزگەرتىشى كېرەك، ۋاقىت ئۆتسىمۇ بېجىرمىسە، كارخانا تىزىملاش ئورگىنى ئۇنى تىجارەتتىكى نورمالسىزلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ