مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە «ئەمەلىي بولۇش»تىن چىقىش قىلىش كېرەك

2021.01.25 19:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بىر كونا تېما بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەزدىن يەرلىككىچە بەس-بەستە تەدبىر چىقىرىپ، ھەرىكەت قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن بەزى جايلاردا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت، ھەتتا «پوسمىسى» ئالماشتۇرۇلۇپ، «تۈرى» ئۆزگەردى، بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكنى يېنىكلىتىشكە بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسى كۈچلۈك ئەمەس بولماقتا.

  مەسىلەن، بەزى جايلاردا قىزىل باشلىق ھۆججەتلەر ئازايدى، لېكىن «باشسىز» ئۇقتۇرۇشلار كۆپەيدى؛ يىغىن ئېچىش قېتىم سانى ئازايدى، لېكىن يىغىن ۋاقتى ئۇزاردى؛ تەكشۈرۈش ئازايدى، لېكىن «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» نامى بىلەن كېلىدىغان كۆزدىن كەچۈرۈش كۆپەيدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزى ماتېرىياللارنى «بۈگۈن ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بۈگۈنلا تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش»، بىر ئىشنى «ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قايتا تەكىتلەش»، بىر تۈرلۈك خىزمەتتە «ئىز قالدۇرۇلمىغان بولسا قىلمىغان بولۇش» قاتارلىقلار ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ خىزمەت يۈكىنى يېنىكلەتمەيلا قالماستىن، يەنە ئۇلارغا ئېغىر روھىي كىشەن سېلىپ قويماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، نۇرغۇن يۈكنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىدە «ئەمەلىي بولۇش» ئاساس قىلىنمىغان.

  ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە، يۈكنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدا ھۆججەت تارقىتىش، يىغىن ئېچىش سانى ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئىشلىرىنى ئازايتىش ئەمەس، بەلكى ئىخچاملاشتۇرىدىغان ھۆججەتلەرنىڭ ئۆلچىمى ۋە دەرىجىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يىغىن ئېچىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيەتتىن تۇتۇش قىلىدىغان ھەيدەكچىلىك، تەكشۈرۈش، باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىش لازىم.

  ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق دائىرىسىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى تۈزەشتىكى مەسئۇلىيەت چوڭ، ھوقۇق كىچىك بولۇشتەك ھازىرقى ئەھۋالى دەل ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ كەمچىل بولۇشىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبتۇر. يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە فۇنكسىيەلىك تارماقلار ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى لازىم، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا پەقەت تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇشنىلا تەكىتلەپ، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ. قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارنى ئاساسىي قاتلامغا ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ بېرىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا قارىتا «كىچىك ئاتقا چوڭ ھارۋىنى سۆرىتىش»تىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى تېخىمۇ دەل جايىدا ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلىشىچە، تەلەپ قاتتىقراق، ۋەزىپە ئېغىرراق بولسىمۇ قورقمايدىكەن، ئەمما كۆپ ئىشلىسە، خاتالىق كۆپ بولۇشتىن، ھە دېسىلا جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈشتىن ئەڭ قورقىدىكەن. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىشتە سۆزلىشىش، خەت-ئالاقە ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى دەل جايىدا، ئېھتىياتچانلىق بىلەن يولغا قويۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كېڭەيتىۋېتىش، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىش قىلغانلارنىڭ ئورنى بار، چىقالايدىغان، چۈشەلەيدىغان ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش − ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەت، نۇرغۇن مەسىلىلەر ئومۇمىيلىققا، جاھىللىققا، تەكرارلىنىشچانلىققا ئىگە، كونكرېت نېمىنى ئازايتىش، قانداق ئازايتىشتا يەنىلا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى كۆپرەك ئاڭلاش كېرەك. كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى توغرا تېپىپ، «ئەمەلىي بولۇش»تىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، شەكىلۋازلىق ئارقىلىق شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت قالايمىقانچىلىقنى تۈپتىن تۈگەتكىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ