مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.01.26 19:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنى كۈچتە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلىغاندىن بۇيان، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى پائال قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش قوللايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈشنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنى باشلامچىلىق بىلەن كونترول قىلىپ ھەم ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە پايدىلىق شارائىت ياراتتى. بىز ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇم تەسىرىنى يېڭىپ، تۈرلۈك تەييارلىق كۆرۈش خىزمەتلىرىنىڭ مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلىشىگە پائال تۈرتكە بولىمىز. ھازىر، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان-ساراي ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مۇسابىقە ئىشلىرىغا تەشكىللەش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇپ، مۇسابىقە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش سىجىل جانلىنىپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە مىراس خىزمىتىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. بىز بېيجىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئىشىنىمەنكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، جۇڭگو چوقۇم تۈرلۈك تەييارلىق كۆرۈش ۋەزىپىلىرىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇتۇقلۇق نەتىجە قازىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. بېيجىڭ خەلقئارادىكى يازلىق ۋە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ باققان بىردىنبىر «قوش ئولىمپىك شەھىرى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە ئۆزگىچە تۆھپە قوشىدۇ.

  باخ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا قالتىس نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىقتىسادنى ئالدى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندى، مەن بۇنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق كۆرۈش خىزمەتلىرى يۇقۇم تەسىرىنى يېڭىپ، ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ئالغا ئىلگىرىلىدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جۇڭگونىڭ بىر نۆۋەت يېشىل، ھەمبەھرە، ئوچۇق، پاك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۇتۇقلۇق، قالتىس، بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ. بۇ 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك روھىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىدۇ، تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزۈشىگە چىن قەلبىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ! جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭى بىر يىلدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تىلەيدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ