شى جىنپىڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ «داۋوس قارالمىسى» سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ئالاھىدە سۆز قىلدى

دەۋر دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشتا چوقۇم كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

2021.01.26 19:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ «داۋوس قارالمىسى» سۆزلىشىش يىغىنىغا ۋىدىيو ئارقىلىق قاتناشتى ھەم «كۆپ تەرەپچىللىك مەشئىلى ئارقىلىق، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتايلى» دېگەن تېمىدا ئالاھىدە سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ دەۋر دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشنىڭ چىقىش يولى − كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. 21-ئەسىردىكى كۆپ تەرەپچىللىكتە، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ ھەم كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ يادرولۇق قىممىتى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ھەم مەۋقەنى دۇنيانىڭ ئەندىزىسىدىكى ئۆزگىرىشىگە قارىتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ئەھمىيەت بېرىش؛ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، خەلقئارا قائىدىنى ئاساس قىلىش، كېڭىشىش، ھەمكارلىشىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ!

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىدا يامرىدى، يەر شارىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلدى، دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر چېكىنىش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى، ئىنسانلار تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان كۆپ قاتلاملىق كىرىزىسنى باشتىن كەچۈردى. ھازىر يۇقۇم تېخى تۈگىمىدى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، لېكىن بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، قەھرىتان قىش باھارنىڭ قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، قاراڭغۇ كېچە تاڭ نۇرىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئىنسانلار چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئاپەت بىلەن كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەپ، قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز بۇ دەۋر دۇچ كەلگەن مۇنداق تۆت چوڭ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك:

  بىرىنچى، ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش ھەم نۆۋەتتىكى ئەھۋالنى ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتى ئارقىلىق قوللاشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كىرىزىس سايىسىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش؛ تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇش، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئۇزاق مۇددەت ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات يولىغا سېلىش لازىم.

  ئىككىنچى، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىش يولىدا بىرلىكتە مېڭىش كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار، يۇقىرى-تۆۋەن، ياخشى-يامان دەپ ئايرىلمايدۇ، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ __ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى، خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلەيدىغان-ئېرىشەلمەيدىغانلىقى، سىياسىي مۇقىملىق، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقى، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا تۆھپە قوشىدىغان-قوشالمايدىغانلىقىغا باغلىق. كۆپ خىللىق بولمىسا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى بولمايدۇ. پەرق قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى تەكەببۇرلۇق، بىر تەرەپلىمە قاراش، ئۆچمەنلىك، قورقۇنچلۇقى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ھەر خىل دەرىجىگە بۆلۈش، قورقۇنچلۇقى ئۆزىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمىنى باشقىلارغا تېڭىش. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى تۈگىتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلسا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى تېخىمۇ پۇختا ئاساسقا ئىگە بولىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زۆرۈر قوللاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي تەرەققىيات ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ھوقۇق باراۋەرلىكى، پۇرسەت باراۋەرلىكى، قائىدە باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنى تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە نەتىجىسىدىن ھەمبەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، دۇنياۋى خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش لازىم. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئوخشاش تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسى ھەرگىزمۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىقى ئەمەس، يەر شارىنىڭ ئاممىۋى سەھىيەسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش __ ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن بارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەردە، دۇنياۋى ھەرىكەت، دۇنياۋى تاقابىل تۇرۇش، دۇنياۋى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيادىكى مەسىلىلەر چىگىش، مۇرەككەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چىقىش يولى كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

  −− ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، بېكىنمىچىلىك قىلىپ باشقىلارنى چەتكە قاقماسلىق كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ مۇھىم مەزمۇنى __ خەلقئارادىكى ئىشلارنى كۆپچىلىك تەڭ كېڭىشىپ ھەل قىلىش، دۇنيانىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ھەر قايسى دۆلەتلەر تەڭ ئىگىلەشتىن ئىبارەت. خەلقئارادا «گۇرۇھۋازلىق»، «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» قىلىپ باشقىلارنى چەتكە قېقىش، تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش، ھە دېسىلا مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش، تەمىناتنى ئۈزۈش، جازالاش يولىنى تۇتۇپ، سۈنئىي ھالدا ئۆزئارا ئايرىمىچىلىق، ھەتتا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش پەقەتلا دۇنيانى پارچىلىنىش، ھەتتا قارشىلىشىشقا ئىتتىرىدۇ. پارچىلانغان دۇنيا ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرالمايدۇ، قارشىلىشىش-ئىنسانلارنى تۇيۇق يولغا باشلاپ كىرىدۇ. تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيەت، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش كېرەك.

  −− خەلقئارا قائىدىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋالماسلىق لازىم. خەلقئارا جەمئىيەت ھەر قايسى دۆلەتلەر ئورتاق ھاسىل قىلغان قائىدە ۋە ئورتاق قاراش بويىچە تىزگىنلىشى، بىر ياكى بىر قانچە دۆلەت بۇيرۇق چۈشۈرمەسلىكى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيسى ھەممە ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي مىزانى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى ۋە كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلارنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى قوغداش كېرەك. تۈزۈم ۋە قائىدە ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك دۆلەتكە ئېتىبار بېرىپ، ئاجىز دۆلەتكە سەل قاراشقا قارشى تۇرۇپ، نامدا كۆپ تەرەپچىللىكنى تىلغا ئېلىپ، ئەمەلىيەتتە بىر تەرەپچىللىك قىلىشقا بولمايدۇ. قائىدە بېكىتىلگەن ھامان كۆپچىلىك ئۈنۈملۈك ئەمەل قىلىشى كېرەك. تاللاشقا ئىگە كۆپ تەرەپچىللىك بىزنىڭ تاللىشىمىز بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

  −− كېڭىشىش، ھەمكارلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توقۇنۇشماسلىق ۋە قارشىلاشماسلىق كېرەك. مەيلى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى، قىزىق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بولسۇن ياكى سودا ئۇرۇشى، پەن-تېخنىكا ئۇرۇشى بولسۇن، ئاخىرىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر مەنپەئەتىگە زىيان يىتىدۇ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى قۇربان بولىدۇ. پەرققە ھۆرمەت قىلىش ۋە كەڭ قورساق بولۇش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، كېڭىشىش ۋە سۆزلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپنى ھەل قىلىش كېرەك. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى، نۆل يىغىندىلىق تىركىشىش كونا ئىدىيەسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا پايدا ئېلىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشتىن ئىبارەت ھەمكارلىق قارىشىغا رىئايە قىلىش كېرەك. شەخسىيەتچىلىك قىلىدىغان تار مەنىدىكى سىياسەتنى رەت قىلىپ، ئادىل، ھەققانىي رىقابەتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆزئارا بەسلىشىدىغان، سەۋىيەنى تەڭ ئۆستۈرىدىغان يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇش ھەرگىزمۇ ئۆزئارا زەربە بېرىش، دۈشمەنلىشىش مۇسابىقىسى ئەمەس.

  −− دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا مېڭىپ بېكىنمىچىلىك قىلماسلىق لازىم. 21-ئەسىردىكى كۆپ تەرەپچىللىك توغرا يولىدا مېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش ھەم كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ يادرولۇق قىممىتى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ھەم مەۋقەنى دۇنيا ئەندىزىسىدىكى ئۆزگىرىشكە قارىتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، كەڭ كۆلەمدە كېڭىشىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش ئاساسىدا دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانلار سەھىيە، ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە پۇل سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانى رەقەملىك ئىدارە قىلىش قائىدىسىنى تۈزۈشنى مۇھاكىمە قىلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. بىز مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، تەڭ گۈللەنگەن، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلىمىز.

  −− جۇڭگو خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا داۋاملىق ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى پايدىلىق تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولغان دۆلەت ۋە رايونلارغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ. ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنىنى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى ئىشلىتەلەيدىغان، ئېرىشەلەيدىغان ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ھەقىقىي ئايلاندۇرىدۇ.

  −− جۇڭگو ئۆزئارا پايدا ئېلىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشتىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ. يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ «يەر شارىسىزلاشتۇرۇش»، بىكىنمچىلىق قىلىپ ئايرىلىپ قىلىش ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنى ئىزچىل قوللاپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ. سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارى كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنات زەنجىرىنىڭ راۋان، مۇقىم بولۇشىنى قوغداپ، بىر بەلباغ، بىر يولنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى داۋاملىق يارىتىپ، چوڭ بازار ئەۋزەللىكى ۋە ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.

  −− جۇڭگو ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، 2030-يىلىدىن بۇرۇن كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قويۇپ بېرىشنىڭ چوققا قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش، 2060-يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. جۇڭگو ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىش بولسىلا، باش تارتماي قىلىدۇ ھەمدە ياخشى قىلىدۇ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ.

  −− جۇڭگو پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ. پەن-تېخنىكا سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ. پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ۋاسىتىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. جۇڭگو تېخىمۇ ئوچۇق تەپەككۇر ۋە تەدبىر ئارقىلىق خەلقئارا پەن-تېخنىكا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇھىتىنى بەرپا قىلىدۇ.

  −− جۇڭگو يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەنلا يېڭىمەن، يەڭگۈچى ھەممىگە ئىگە بولىدۇ، دېيىش جۇڭگولۇقلارنىڭ جاھاندارچىلىق پەلسەپەسى ئەمەس. جۇڭگو مۇستەقىل ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشكە تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولغان، تەڭ پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلارنىڭ پەقەت بىرلا يەر شارى ماكانى بار، ئىنسانلارنىڭ بىرلا ئورتاق كەلگۈسى بار. مەيلى نۆۋەتتىكى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشتا بولسۇن ياكى گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشتا بولسۇن، ئىنسانلار جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، قوشنىسىغا ئورا كولايدىغان ھەر قانداق ئۇسۇل، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدىغان ھەر قانداق تەپەككۇر، ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان ھەر قانداق تەكەببۇرلۇق ئاخىرقى ھېسابتا مۇقەررەر ھالدا مەغلۇپ بولىدۇ! بىز قول تۇتۇشۇپ، كۆپ تەرەپچىللىك مەشئىلى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيلى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ