مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

(2021-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2021.01.25 19:22 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى 2021 ـ يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 133 ئەزاسى قاتناشتى، 253 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، 2020-يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى يەكۈنلىنىپ، 2021-يىللىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يولداش جاۋ لېجىنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيلى» ناملىق خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. يىغىندا بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: سۆزدە، ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى، زور نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىلىرى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قاراش تەكىتلىنىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي بىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىندى. سۆز __ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم قوللانما، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي، دەل جايىدا، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2020-يىلى، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قەتئىي بوشاشماي ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە پۇختىلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»تىن ئىبارەت زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش قاتارلىق زور جەڭ، زور سىناقلاردا مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى داۋاملىق تۈزىدى. كۆزىتىش، تەكشۈرۈشتە يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى باشقا نازارەتچىلىك بىلەن تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىلىرى، سىياسىي-قانۇن قاتارلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىل مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ تۈزىدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ بولۇش»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى. ئومۇمىي يىغىندا ئۆتكەن بىر يىللىق ئەمەلىيەت داۋامىدا شەكىللەنگەن تونۇش يەكۈنلەندى، نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا تەھلىل قىلىنىپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھەقىقىي ھەل قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2021-يىلى − «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىدىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى نىشانلاپ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىنى چۆرىدىگەن ھالدا نازارەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش، ئىجرا قىلىش، مۇكەممەل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىققا بىر تۇتاش تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش تېمىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى تۈزەشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، نازارەت قىلىپ تۈزەش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ زور تۈزەش ئۈنۈمىنى قويۇپ بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە مۇھىم رول ئوينىشى لازىم.

  بىرىنچى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق «14-بەش يىللىق» پىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق زور تەدبىرلەرنى چۆرىدەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىستىلى توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ياخشى تەرەققىيات مۇھىتىنى بەرپا قىلىش لازىم.

  ئىككىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسىي مەسىلە ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىك دېلولىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى چىرىكلىشىش مەسىلىسىنى داۋاملىق جازالاپ، سىياسىي قانۇن سىستېمىسىنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقى ۋە خەلقئارادا قېچىپ يۈرگەنلەر، زاڭ ماللارنى سۈرۈشتۈرۈش، قايتۇرۇپ كېلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، بىخۇدلۇق، چاكىنىلىقنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، راستچىل ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پاك-دۇرۇس بولۇش يېڭى ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى توغرا تۈزەشنى يولغا قويۇپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىكنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسىنى چىڭىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى داۋاملىق تۈزەپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىش، تەڭ بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت، تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «تۆتنى ئېلىۋەتمەسلىك» سىياسەت نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى داۋاملىق تۈزەپ، قارا جەمئىيەت، رەزىل كۈچلەرگە چېتىلىدىغان «مۇھاپىزەت كۈنلۈكلىرى»نى قەتئىي جازالاش كېرەك.

  بەشىنچى، كۆزىتىش-تەكشۈرۈشتە يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكىنىڭ شەمشەرلىك ۋە ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتىكى تۈگۈنلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىش ۋە نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر، ناھىيەلەرنى تەكشۈرۈشنى ئاساسىي قاتلاملارغىچە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئالتىنچى، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىش ۋە تۈزەشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە شۇجىنىڭ بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىرىنچى قول باشلىق» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قورالىنى دەل جايىدا قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

  يەتتىنچى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي تۇتۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ۋە دۆلەت رېۋىزىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتقا يېتەكچىلىك قىلىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش، بەرپا قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىنتىزامغا، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سەككىزىنچى، ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىش ۋە ئۆزىگە چەكلىمە قويۇشنى چىڭىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كەسىپلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، ماھىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش كۈچىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەڭ قاتتىق چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئىستىلىغا ئىگە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يولداش يۈ خۇڭچيۇ، فۇ كۈي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقى، مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا سايلاندى.

  ئومۇمىي يىغىندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىلدى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ