مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھۆججەتلىك فىلىم «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخىي ئىزنالىرى» كۆرسىتىلىدۇ

2021.01.25 19:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئىشلىگەن سەككىز قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخىي ئىزنالىرى» 25-يانۋار مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە تارىخ، مىللەت، دىن، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت ئۆلچەم ئارقىلىق، ئارخېئولوگىيەلىك نەتىجىلەر ۋە ئۈن-سىن تىللىرى ئارقىلىق شىنجاڭ رايونىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ نەزەر دائىرىسى ئاستىدىكى تارىخىي جەريانى رەتلەپ چىقىلغان.

  مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخىي ئىزنالىرى»دا يىلنامە قۇرۇلمىسى قوللىنىلىپ، چىن، خەن، ۋېي، جىن، سۈي، تاڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ، مىنگو ۋە يېڭى جۇڭگو قاتارلىق تارىخىي دەۋرلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىننىڭ ئۆزگىرىش تارىخى، مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش تارىخىدىن ئىبارەت تۆت ئاساسىي تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نەچچە ئون تارىخچى ۋە ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسىسى زىيارەت قىلىنغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ فىلىمدە: شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قانداش ئائىلە ئەزاسى، شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، دېگەندىن ئىبارەت جۇڭگو شىنجاڭ رايونىدىكى نۇرغۇن مۇھىم، زور تارىخىي پاكىتلار شەرھلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ