مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ دومىنىكا زۇڭلىسى سكېررىت بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.01.26 19:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە دومىنىكا زۇڭلىسى سكېررىت بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-دومىنىكانىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەر بولۇپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ياخشى دوست. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 17 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو-دومىنىكا مۇناسىۋىتى زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللىدى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقى ياخشى بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى كۈنسايىن چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو دومىنىكانىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پائال راۋاجلاندۇرۇشنى دىپلوماتىيەنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى قىلغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، دومىنىكانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-دومىنىكانىڭ دوستانە، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى چوقۇم ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو-دومىنىكا قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ ياردەم بېرىدىغان چوڭقۇر دوستلۇقنى نامايان قىلدى. جۇڭگو دومىنىكانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ، دومىنىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ياردەم ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، ۋاكسىنىنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ئىشلىتىدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىپ، ۋاكسىنىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە سېتىۋالالايدىغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو تۆھپىسى قوشىدۇ. جۇڭگو-دومىنىكا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  سكېررىت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دومىنىكا-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، چوڭ-كىچىك دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، دومىنىكا ۋە باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو دومىنىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋالاش ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى ھەم ۋاكسىنىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئومۇملىشىشى ۋە سېتىۋالالايدىغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش ھەققىدە ۋەدە بەردى. جۇڭگو دۇنياغا ئۈلگە بولدى، ئۇ دومىنىكانىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ھەقىقىي دوستى. دومىنىكا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى قوللايدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، شياڭگاڭغا چېتىلىدىغان، تەيۋەنگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگو بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدۇ. دومىنىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، دومىنىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا كارىب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ