مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھۆججەتلىك فىلىم «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخىي ئىزنالىرى» ئارخېئولوگىيەلىك نەتىجىلەر ئارقىلىق «جۇڭگونىڭ شىنجاڭى»نىڭ تارىخىي ماھىيىتى چۈشەندۈرۈپ بېرىلدى

2021.01.26 19:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى جۇڭگو تىلى يەرشارى نومۇرلار مەركىزى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئىشلىگەن سەككىز قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخىي ئىزنالىرى» توغرىسىدا 25-يانۋار بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە زور ئارخېئولوگىيەلىك نەتىجىلەر ئارقىلىق «جۇڭگونىڭ شىنجاڭى»نىڭ تارىخىي ماھىيىتى چۈشەندۈرۈلدى.

  سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگۈچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونى ئۆزگىچە كېلىماتى ۋە جۇغراپىيەلىك مۇھىتى سەۋەبىدىن، تارىختىن بۇيان ئارخېئولوگىيە خىزمىتى ۋە تارىخ تەتقىقاتىدىكى مۇھىم رايون ئىكەن. فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ پۈتۈن شىنجاڭ رايونىدا ۋە شەنشى، گەنسۇ، خېبېي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا زىيارەت قىلىپ سۈرەتكە ئېلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 200 پارچىدىن ئارتۇق مۇناسىۋەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق، ھۆججەتلەرنى سۈرەتكە ئېلىپ، 90دىن ئارتۇق خارابە ۋە تارىخىي قۇرۇلۇشلارنى ئەمەلىي سۈرەتكە ئېلىپ، ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلىشىپ شەكىللىنىشىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى شەرھلىگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كۆپلىگەن قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىچىدە، دۆلەتلىك كۈتۈپخانىدا ساقلىنىۋاتقان «چىڭ سۇلالىسى چيەنلوڭنىڭ ئىچكى دىيار خەرىتىسى»، شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسىدە 2019-يىلى ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك بايقالغان تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ھەربىي بازىرىدىكى تەۋەررۈكلەر، شىنجاڭ تۇرپاننىڭ تۇيۇقتىكى تاڭ سۇلالىسى بۇددا تام رەسىملىرى قاتارلىقلار تۇنجى قېتىم ئېكراندا نامايان بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ