چاغان مەزگىلىدە ئايروپىلان بېلىتىنى ھەقسىز قايتۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ
2021.01.27 18:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ ئاممىنى ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈشكە مۇۋاپىق، تەرتىپلىك يېتەكلەش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولغان چاغان مەزگىلىدىكى ئايروپىلان بېلىتىنى سېتىۋالغان يولۇچىلارنىڭ ھەقسىز بېلەت قايتۇرۇش ياكى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ