خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلار سايلام خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىستارتىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «نىزام»دا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى، پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ قوللانما قىلىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن. بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلار سايلام خىزمىتىنىڭ تۈپ قوللانمىسى. «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش __ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرلىكىنى قوغداشتىكى تەشكىلىي تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلار سايلىمىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «نىزام»نى يولغا قويۇشقا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى؛ تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «نىزام»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «نىزام»نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى چىڭىتىشى كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باش بولۇپ ئۆگىنىپ، باش بولۇپ تەتقىق قىلىپ، باش بولۇپ ئىجرا قىلىشى لازىم. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، «نىزام»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جايلار، تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ