مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېڭى يىللىق چاي زىياپىتى ئۆتكۈزدى

2021.01.04 19:00 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى، ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 2020-يىلى 31-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا يېڭى يىللىق چاي زىياپىتى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم پايتەختتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەربابلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2021-يىللىق يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چاي زىياپىتىدە مۇھىم سۆز قىلدى. (مەنبەنى بېسىپ، سۆزنىڭ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ) ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 2021-يىلىدا، بىز جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلايمىز. بىز جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق، خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان 100 يىللىق جاپالىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلار، تەرەققىياتتا يېڭىلىق ياراتقۇچىلار، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغۇچىلار روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىشتەك سەگەك كاللىمىزنى، خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك كۈرەش ئىرادىمىزنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە ھەر ساھە ئەربابلىرى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش قوشۇنىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چاۋمىن قېرىنداشلار، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە مەدەت بېرىۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلاردىن بايراملىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي بەخت تىلىدى، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2020-يىلى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيە ئومۇمىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان ۋەزىپىسى، «13-بەش يىللىق يىرىك پىلان» مەزگىلىدىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملىدۇق. زور پەن-تېخنىكا تۈرلىرى، زور قۇرۇلۇشلاردىن ئارقا-ئارقىدىن خۇش خەۋەرلەر تارقىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالغا قاراپ يېڭى بىر چوڭ قەدەم تاشلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020-يىلى بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان 50 نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ۋە باشقا 75 ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدۇق، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى 143 ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، ھەر قايسى تەرەپلەر 268 ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغان يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەر قايسى تەرەپلەر جەمئىي 2485 ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات نىشان-ۋەزىپىلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆز قەرەلىدە تاماملاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2020-يىلى بىز «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق. بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92-يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدۇق. بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك تەتۈر ئېقىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، يەر شارىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020-يىلىغا نەزەر سالساق، يولىمىز ئىنتايىن جاپالىق، كۈرەش نەتىجىلىرىمىز كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر نىيەتتە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچىنىڭ تولۇق نامايان قىلىنىشى. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ خەلق، باتۇر خەلق، چوقۇم داۋاملىق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېڭى بىر يىلدا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بىرنىيەتتە غەيرەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

  چاي زىياپىتىگە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، بىرلىكسەپ ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سەپەرۋەر قىلىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى سەپەرۋەر قىلىپ، 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى چوڭقۇر كېڭىشىپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەقىل كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى ئەۋزەل رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ۋە ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

  تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، مەۋقەنى «14-بەش يىل»دىكى ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش يىلىغا قارىتىپ، يېڭى مۇساپىگە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچ قوشۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

  چاي زىياپىتىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى كۆرسەتتى، يىغىن مەيدانى خۇشال-خۇرام بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن رەھبەرلىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئىلگىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بېيجىڭدىكى پېشقەدەم يولداشلار چاي زىياپىتىگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ