مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم

2021.01.05 17:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «تەكلىپ»تە «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاش» − «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلىنىپ، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈش تولۇق نامايان قىلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئىسلاھات توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىلگىرى سۈرۈش لازىم» دەپ تەكىتلىدى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، بىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش − يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش − دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، مۇھىتى، شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سىستېمىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىشتۇر. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىقتىسادنىڭ ئايلانما ئوبوروتى ۋە كەسىپلەرنىڭ باغلىنىشىنىڭ راۋانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بۇنىڭ ئۈچۈن تەمىنات سىستېمىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە باغلىنىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك «بوغما ھالەت» ۋە يۇقىرى چەك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

  بىز چوقۇم ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي زىددىيەتنى تۇتۇپ، توسۇق نۇقتىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمالىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىش ۋە ئىچكى-تاشقى قوش ئايلىنىشنىڭ راۋانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈزۈم، قاراش ۋە مەنپەئەت ئاسارىتىنى تۈگىتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ