مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش لازىم

(پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك)

2021.01.07 19:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ)دە، مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش نىشانىنى كۆزلەپ، مەۋقەنى خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا قويۇپ چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى. بىز شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە ئاساسلىق تەدبىرلىرىنى توغرا ئىگىلەپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

  مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش − گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. «تەكلىپ»تە، 2035-يىلىغا بارغاندا يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كەڭ دائىرىدە شەكىللەندۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىش يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىن كېيىن مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈپتىن ياخشىلاپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتا، ياخشى مۇھىت سۈپىتى مۇھىم بەلگىدۇر. بىز نىشاننى بېكىتىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشقا سىجىل كۈچەپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، دائىم يېشىل تۇرىدىغان، سۈيى سۈزۈك، ھاۋاسى دائىم يېڭى تۇرىدىغان گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش − خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت − ئەڭ ئادىل ئاممىۋى مەھسۇلاتتۇر، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادىتىدۇر. خەلق ئاممىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجى ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندى، كەڭ خەلق ئاممىسى ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىغا تەشنا بولماقتا. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىزدۇر. بىز خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، خەلق ئاممىسىنى كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار، سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاق، بېلىقلار ئۈزۈۋاتقان تېيىز قىرغاق، قۇشلار سايرىغان، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغان سەھرا مەنزىرىسىدىن يەنىمۇ بەھرىلەندۈرۈپ، گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ