مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي بانكا: ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ نەق پۇل ئېلىشنى رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ

2021.01.05 17:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەتنىڭ كەڭ قوللىنىلىشى ئاممىنىڭ تۇرمۇش، ئىستېمال ئۇسۇلىنى چوڭقۇر، سىجىل ئۆزگەرتمەكتە، بولۇپمۇ كۆچمە چىقىم قىلىشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، نەق پۇلسىز چىقىم قىلىش نۇرغۇن سودىگەرلەر ۋە ئىستېمالچىلار ياخشى كۆرىدىغان چىقىم قىلىش ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. لېكىن، بەزى سودىگەرلەر، ئاپپاراتلار قاتارلىق بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ نەق پۇل كىرىم-چىقىم قىلىش جەريانىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تونۇش پەرقى مەۋجۇت ياكى تەننەرخنى كونترول قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەق پۇل ئېلىشنى خالىماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ، نەق پۇل چىقىم قىلىشقا تايىنىدىغان بەزى ئىستېمالچىلارغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى.

  نۆۋەتتە ئېلىمىزدە تەخمىنەن %13 ئاھالە ئاساسلىقى نەق پۇل ئارقىلىق چىقىم قىلىدۇ. خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروت تەرتىپىنى قوغداش، ئاممىنىڭ نەق پۇل ئىشلىتىش ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىناق نەق پۇل ئوبوروت مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا خەلق پۇلىنىڭ نەق پۇل كىرىم-چىقىم ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئېلانى چىقاردى. ئېلاندا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق پۇلى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇلى، خەلق پۇلىنىڭ نەق پۇل تۈرى − ئېلىمىز چېگرىسى ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق چىقىم ۋاستىسى بولۇپ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ نەق پۇل ئېلىشنى رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، تۈرلۈك سۇبيېكتلار ئاممىنىڭ چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، نەق پۇل كىرىم-چىقىم يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئاممىنى قانۇنلۇق بىخەتەر بولغان نەق پۇلسىز چىقىم قىلىش قورالى بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ، ئىستېمال ۋە چىقىم قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئوبوروت مۇھىتىنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق بولۇش، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، كەمسىتىش ياكى قولايلىق بولمىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ نەق پۇل چىقىمىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ.

  كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئامما ياكى ئىستېمالچىلار ناۋادا نەق پۇل ئېلىشنى رەت قىلىش ياكى كەمسىتىش، نەق پۇلنى چەتكە قېقىش دېگەندەك قىلمىشلارنى بايقىسا، مۇناسىپ دەلىل-ئىسپات ياكى يىپ ئۇچىنى مۇۋاپىق ساقلاپ قېلىپ، شەھەر مەمۇرىيىتى قىزىق لىنىيەسى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، پۇل مۇئامىلە ئىستېمال ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئەرز قىلىشى، پاش قىلىشى كېرەك، خەلق بانكىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بۇ خىل ۋەقەلەرنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ