مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك

2021.01.06 19:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى بىلەن 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ)دە، «ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» __ «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلىندى ھەمدە ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى. بىز بۇ ئاساسىي نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە مۇھىم تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋر مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشكە سىڭدۈرۈپ، دىققەتنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىقات تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ۋە شەخسىي ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش ۋە يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭى، ئەخلاق سەۋىيەسى ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش داۋامىدا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇشتەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك تەربىيەسى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇلۇپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىندى. ھازىر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىدىن ئۈمىد بار، بىز پات ئارىدا بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. بۇ، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنىڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەنگەنلىكىدىن، خەلقنىڭ ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسكەنلىكىدىن، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ