مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش لازىم

2021.01.06 19:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتىدىن قارىغاندا، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش لازىم.»

  يېقىندا ئېچىلغان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ماس كېلىشى، دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش»نى تەلەپ قىلدى. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قەدەم قويۇش تارىخىي ئۆتكىلىدە، دۆلىتىمىز «14-بەش يىل» مەزگىلىگە قەدەم قويۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنىڭ مۇھىم تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك، بۇ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ تارىخىي يۆتكىلىشى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى تارىخىي بۇرچ ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساس يەنىلا يېزىلاردا. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، شەھەر-يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى يېتەرلىك بولماسلىق يەنىلا جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشى بولمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايدۇ.

  جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن چوقۇم يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، جۇڭگونى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈش كېرەك، جۇڭگونى بېيىتىش ئۈچۈن دېھقانلارنى بېيىتىش كېرەك. يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سالساق، يېڭى پىلان كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، يېڭى مۇساپە كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتساق، بىز چوقۇم ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى ياخشى باشلاپ، ياخشى قەدەم تاشلىيالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ