دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2021-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى

2021.01.04 18:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق، 2021-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى. تەبرىك سۆزىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! 2021-يىلىنىڭ قەدىمى بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلمەكتە، مەن بېيجىڭدا كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن!

  2020-يىلى ئالاھىدە بىر يىل بولدى. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئارقىلىق، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەتئىي جاسارەتكە تولغان ھالدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ داستانىنى يېزىپ چىقتۇق. قىيىن ئۆتكەلنى بىرلىكتە يېڭىش جەريانىدا، زەربىدارلىق بىلەن سەپەرگە ئاتلانغان مەردانىلىك، قەيسەرلىك بىلەن چىڭ تۇرۇش، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق، باتۇرانە قۇربان بېرىشلەر، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان تەسىرلىك ئىش-ئىزلار بارلىققا كەلدى. ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەردىن خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىگىچە، پەن تەتقىقات خادىملىرىدىن مەھەللە خىزمەتچىلىرىگىچە، پىدائىيلاردىن قۇرۇلۇشچىلارغىچە، پېشقەدەملەردىن 90-يىللار، 2000-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياش بىر ئەۋلادقىچە، سانسىزلىغان كىشىلەر ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىپ، سەمىمىي مۇھەببەت بىلەن ئاممىنى قوغداپ، تامچە-تامچە تەرلەردىن قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ھاياتلىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلدى. ھەققانىيەت يولىدىن قايتمايدىغان كىشىلەر، قەلبداش بولغان كۈچ ئۇلاشلار، ئاجايىپ تەسىرلىك مەنزىرىلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى جانلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. ئاددىي ئىشلاردىن ئۇلۇغ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، قەھرىمانلار خەلق ئارىسىدىن چىقىدۇ. ھەر بىر ئادەم قالتىس! بەختكە قارشى يۇقۇملىنىپ قالغان بارلىق بىمارلاردىن ھال سورايمەن! بارلىق ئاددىي قەھرىمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! مەن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزدىن ئىپتىخارلىنىمەن! توختىماي ئىلگىرىلەۋاتقان مىللىي روھتىن پەخىرلىنىمەن!

  قىيىن ئەھۋالدا باتۇرلۇق نامايان بولىدۇ، ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن. بىز يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈردۇق. «13-بەش يىل»نى تولۇق تاماملاپ، «14-بەش يىل»نى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىدۇق. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چوڭقۇر يولغا قويدۇق. ئېلىمىز دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئارىسىدا مۇسبەت ئېشىشنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇردى، 2020-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 100 تىرىليون يۈەنلىك يېڭى سەۋىيەگە يېتىشى مۇمكىن. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇدا 17 يىل مول ھوسۇل ئېلىندى. «تيەنۋېن 1-نومۇر»، «چاڭئې 5-نومۇر»، «كۈرەشچى» ناملىق ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى. بىز يەنە ئېغىر كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتىگە تاقابىل تۇردۇق، ئارمىيە بىلەن خەلق جاپا-مۇشەققەت، خېيىم-خەتەردىن قورقماي، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، زىياننى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى. مەن 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە خىزمەت تەكشۈرگەندە، كۆپچىلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يېڭىلىق يارىتىۋاتقانلىقى ۋە ئىجاد قىلىۋاتقانلىقى، پايانسىز جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئىشەنچكە تولۇپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان مەنزىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈم.

  2020-يىلى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز ئېغىر نامراتلىق قورغىنىغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق. سەككىز يىل سەرپ قىلىپ، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە 100 مىليونغا يېقىن يېزا نامرات نوپۇسىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق، 832 نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. بۇ بىر نەچچە يىلدا، مەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى 14 مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونغا باردىم، يۇرتداشلارنىڭ يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك جاسارەت بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقى، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي بېغىشلاپ تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقى دائىم كۆز ئالدىمدا. بىز يەنە قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، پۇختا، ئەستايىدىل ھالدا جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى تىرىشىپ يېزىپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  بۇ يىل، بىز شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، شاڭخەي پۇدۇڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان نەنخەي دېڭىزىنىڭ بويى، مەنزىرىسى گۈزەل خۇاڭپۇجياڭ قىرغىقى ئادەمنى ھاياجانلىق ھېسلارغا چۆمدۈرىدۇ، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش-ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكچىلىك قىلىشقا ئايلاندى، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش-يېڭىلىق يارىتىپ يېتەكلەشكە ئايلاندى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش-تەرەققىيات مۆجىزىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇندىن كېيىن يەنە تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ «باھار ھېكايىسى»نى يېزىپ چىقىش كېرەك.

  ھەققانىيەت يولىدا ماڭغانلار يالغۇز قالمايدۇ، جاھان ئەھلى بىر ئائىلە كىشىلىرى. بىر يىلدىن بۇيانقى بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. مەن خەلقئارادىكى يېڭى، كونا دوستلار بىلەن كۆپ قېتىم تېلېفونلاشتىم، نۇرغۇن «بۇلۇت يىغىن»لىرىغا قاتناشتىم، بىز بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە ئەڭ كۆپ پاراڭلاشتۇق. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى قول تۇتۇشۇپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ تۇمانلىرىنى بالدۇرراق تارقىتىۋېتىپ، تېخىمۇ گۈزەل يەر شارى ماكانىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  2021-يىلى-جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۇنيا كەلگەنلىكىگە 100 يىل بولىدۇ. 100 يىللىق مۇساپە قاينام-تاشقىنلىق بولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق تارىخىي جەرياندا تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. شاڭخەينىڭ شىكۇمېندىن جياشىڭدىكى نەنخۇغىچە-كىچىككىنە بىر قىزىل كېمە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، شىددەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك قايناملاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، جۇڭگونى مۇقىم قەدەمدە يىراق مەنزىلگە باشلاپ ماڭغان ھەيۋەتلىك غايەت زور پاراخوتقا ئايلاندى. ئۇزۇن يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قەلبكە پۈكۈش-دەل 100 يىلنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ھەيۋىتى. بىز خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يەلكەننى كەڭ ئېچىپ يىراققىچە يۈرۈش قىلساقلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

  «ئىككى 100 يىل»نىڭ گىرەلىشىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى پات ئارىدا باشلىنىدۇ. سەپىرىمىز ئۇزۇن، كۈرىشىمىز داۋاملىشىدۇ. بىز كۈرەش ئارقىلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئۇزۇن ۋە جاپالىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتۇق. بىز يەنە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ پارلاق، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك!

  مۇشۇ پەيتتە، رەڭگارەڭ چىراغلار چاقنىدى، مىڭلىغان ئائىلىلەر جەم بولدى. يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مەن ۋەتىنىمىز تاغ-دەريالىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشى، دۆلەتنىڭ ئاسايىشلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا تىلەكداشمەن! ھەممەيلەننىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى، تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

  كۆپچىلىككە رەھمەت!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ