مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش لازىم

2021.01.05 17:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «تەكلىپ»تە، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىشى» تەكىتلەندى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىپ، بېكىنمە، يېرىم بېكىنمە ھالەتتىن ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشكىچە بولغان ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتى تەۋرىنىپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازا بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە يېڭى تەلەپ قويدى ۋە خىرىس پەيدا قىلدى. تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش − ھەم تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، ھەم سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى.

  «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە رىقابىتىدە يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئىچكى-تاشقى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى ئايلىنىش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ئىچكى-تاشقى قوش ئايلىنىش بولۇپ، بۇ، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، تاۋار ۋە ئامىل ئوبوروتى تىپىدىكى ئېچىۋېتىشتىن قائىدە قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە ئۆتۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.

  بۇنىڭدىن باشقا، يەنە دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىپ، كۆپ تەرەپچىللىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىغا قاتنىشىپ، تۈرلۈك ئىككى تەرەپچىللىك، كۆپ تەرەپچىللىك مەبلەغ سېلىش سودا ھەمكارلىق مېخانىزمىغا تۈرتكە بولۇپ ۋە قاتنىشىپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا تورىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ زور يېڭىلىق يارىتىش، ئىزدىنىش بوشلۇقى بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ