مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

زۇڭلى لى كېچياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى

2020.09.30 18:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 29-كۈنى گوۋۇيۈەن جۇڭنەنخەيدە ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»غا ۋە «گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى تەيىنلىگەن دۆلەت خادىملىرىنى ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىشكە تەشكىللەش چارىسى»گە ئاساسەن، 2019-يىلى 12-ئايدىن 2020-يىلى 9-ئايغىچە گوۋۇيۈەن تەيىنلىگەن 28 تارماق ۋە ئورۇننىڭ 31 مەسئۇلى قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بەردى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيې ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىشتى. ئارقىدىن باشلامچى بولۇپ قەسەم بەرگۈچى ئاساسىي قانۇن كىتابىنى تۇتۇپ تۇرۇپ قەسەمنامە ئوقۇدى، باشقا قەسەم بەرگۈچىلەر ئارقا سەپتە سەپ تۈزۈپ، ئەگىشىپ قەسەم بەردى.

  قەسەم بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، لى كېچياڭ كۆپچىلىكنىڭ قەسەمنى كۆڭلىدە چىڭ ساقلاپ، ئۇنى ئەمەلىي ھەرىكىتدە كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئاڭلىق ئادا قىلىپ، ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ. جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، سىياسەت چىقىرىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، چىن كۆڭلىدىن خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، تەرەققىياتنىڭ بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، تىرىشىپ ئىشلەپ ۋە ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەشكە ماھىر بولۇش داۋامىدا يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك. قەتئىي تۈردە پاك-دۇرۇس بولۇش، قائىدىلىك بولۇش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىق، ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسىنى ئۇنتۇماسلىق، نازارەت قىلىپ چەكلەشنى كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇرۇش، مالىيە چىقىمىنى تېجەپ، پۇقرالارنى بېيىتىش، ئومۇم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماسلىق كېرەك.


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ