مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھات قىلىش ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇش

2020.08.27 17:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1980- يىلى 8- ئاينىڭ 26- كۈنى 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15- يىغىنى «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى نىزامى»نى تەستىقلىدى، بۇ شېنجېن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چىقارغان زور تەدبىرى. 40 يىل ۋاقىت ئۆتۈپ، ئېگىز بىنالار ئىلگىرىكى كەپە ۋە بامبۇك كەپىلەرنىڭ ئورنىنى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئىلگىرىكى بېلىق تۇتۇپ تېرىقچىلىق قىلىشنىڭ ئورنىنى ئالدى. شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى ئىلگىرىكى ئېتىز-ئېرىق ۋە قاقاسلىقتىن ھازىرقىدەك زامانىۋى خەلقئارا شەھەر بولۇپ قەد كۆتۈردى، ھەمدە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان «باھار ھېكايىسى»نى يېزىپ چىقتى. 40 يىللىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بايراقنى كۆتۈرۈپ، نىشاننى بېكىتتى، پارتىيەلىك كادىرلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالدى، خەلق ئاممىسى جاسارەت بىلەن ئەمەلىي ئىشلىدى، نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، بۇنىڭدىكى تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك بولدى.

  شېنجېننى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتىن كەلگەن، شېنجېننىڭ ئۆزىمۇ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئارقىلىق گۈللەنگەن. مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن باشلاپ تاكى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشقىچە، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن باشلاپ تاكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنىڭ شەھەر ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىشقىچە، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە، شېنجېن مۇھىم رول ئوينىدى. ئىلگىرى كىشىلەر تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتىنى «بىنانى ئۈچ كۈندە بىر قەۋەت ئۆرلىتىش»تەك شېنجېن سۈرئىتى بىلەن ئۆلچەيتتى ۋە شۇنداق دەپ تەرىپلىشەتتى، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر سۈرئەتنىلا ئەمەس، بەلكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ شېنجېن يۈكسەكلىكىنى ئالقىشلىماقتا، ئۇنىڭدا ئىسلاھات توختاپ قالمىدى، يېڭىلىق يارىتىش توختاپ قالمىدى، مانا بۇ دەل شېنجېندۇر. ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «ۋاقىت پۇل دېمەكتۇر، ئۈنۈم ھاياتلىق دېمەكتۇر.» دېگەن روھ پۈتۈن مەملىكەتنى روھلاندۇردى، يېڭى دەۋر ۋە يېڭى مۇساپىدە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ۋە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان جاسارەت دۇنيانى ھەيران قالدۇردى، ئېغىر يۈكنى ئالدى بىلەن ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش، مانا بۇ دەل شېنجېننىڭ روھىدۇر. شېنجېننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن كەلگەن، شېنجېننىڭ بۇرچى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت، شېنجېننىڭ كەلگۈسى يەنىلا ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن كېلىدۇ.

  يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش نۇرغۇن ساھەلەردە چوڭقۇر سۇ رايونىغا قەدەم قويغاندا، يەنىلا تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىش، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىشقا توغرا كەلدى؛ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يەر-زىمىن بوشلۇقىنىڭ چەكلىمىسى ۋە مۇھىت بېسىمى قاتارلىق جەھەتتىكى چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلگەندە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولىدا مېڭىشتەك جىددىي ئېھتىياج تۇغۇلدى. ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەقىقىي بىلىمگە ئىنتىلىش، ئىزدىنىش داۋامىدا قانۇنىيەت ئىزدەش، ھەمدە يېڭى تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈرۈش، يېڭى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭى لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تۆھپە قوشۇشتەك ئىشلاردا، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، بۇرچى شەرەپلىك بولدى. شېنجېنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ يىل گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئالدىن مېڭىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدىغان ۋە چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل. بۇنىڭ ئۈچۈن، پەقەت تېخىمۇ چوڭ ئەندىزە، تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەت ۋە تېخىمۇ زور نەتىجە بىلەن ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى توختاتمىغاندىلا، ھەمدە ئالاھىدە رايونلارنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى، تارىخ ۋە دەۋرنىڭ پۇرسىتىنى يەردە قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ