خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى ئەزەلدىن مۇھىم، چۈنكى ئۇ ئومۇمىيەتنى بەلگىلەيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، نەدىمۇ سوتسىيالىستىك جۇڭگو بولسۇن؟ نەدىمۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بولسۇن؟ نەدىمۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولسۇن؟ ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇنى بىر تۇتاش ئىگىلەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى بىر ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنى ئۈزلۈكسىز ياخشى قۇرۇپ، قۇدرەت تاپقۇزغاندىلا، پارتىيەمىز خەلق ئاممىسىنىڭ چىن ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.
پارتىيەمىز ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ، پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىغا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 1939- يىلى 10- ئايدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ «"كوممۇنىستلار" ژورنىلىنىڭ تۇنجى سانىغا بېغىشلانغان سۆز»ىدە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى «ئۇلۇغ قۇرۇلۇش»دەپ ئاتاپ، ئۇنى پارتىيەمىزنىڭ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى قىلدى. دەل مۇشۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇش بولغاچقا، پارتىيىمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ يېڭى جۇڭگو قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلىدى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، يولداش دېڭ شياۋپىڭ «جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە ۋە ئادەمدە.» دېگەن ئىدى ۋە «پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشىمىز كېرەك.» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. پارتىيەنىڭ تەرەققىيات تارىخى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، كۈچلۈك ھالدىكى ئۆز قۇرۇلۇشى بولمىسا، كۈچلۈك ھالدىكى پارتىيە رەھبەرلىكى، سوتسىيالىستىك يېڭى جۇڭگو، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايدۇ، ھەمدە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇشى، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ۋە پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر ئالدىدا، پارتىيىمىز مىسلى كۆرۈلمىگەن جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا تەھدىتى ئەڭ زور بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان پاسسىپ ئامىللارنى قەتئىي تۈگىتىشكە ئىرادە باغلاش نەتىجىسىدە، پارتىيە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلاشتا تېخىمۇ قەيسەر بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، ھەمدە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ