مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق ساقچىلىرىنىڭ شەرەپلىك تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياخشى يېزىپ چىقايلى

2020.08.27 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق ساقچىلىرىغا بايراق بېرىش مۇراسىمى 26- ئاۋغۇست خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بايراق بەردى ۋە سۆز قىلدى، ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بارلىق خەلق ساقچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ھەم شۇنداقلا خەلق ساقچىلىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا «پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش» كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇ ئارقىلىق، خەلق ساقچىلىرى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ھەمدە ئۇلارنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  ساقچى بايرىقى خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ، ئۇ خەلق ساقچىلىرىنىڭ شان-شەرىپى، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنىڭ سىمۋولىدۇر. ساقچى قوشۇنىغا بايراق بېرىش مۇراسىمىنىڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىنى، خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، خەلق ساقچىلىرى قوشۇنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش ۋە ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەلىپىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە خەلق مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ شەرەپلىك تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك.

  خەلق ساقچىلىرى خەلقتىن كەلگەن، ھەم خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان. ئۇزاقتىن بۇيان، خەلق ساقچىلىرى پارتىيە رەھبەرلىكىدە بۇرچىنى باشتىن-ئاخىر ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئىسسىق قېنى، ھەتتا ھاياتى ئارقىلىق خەلقنىڭ تىنچ ۋە بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن مۇستەھكەم پولات ئىستىھكام قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خەلق ساقچىلىرى قوشۇنى يەنىلا خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى تولۇق تەشكىللەپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇش داۋامىدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ ۋە تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ سىجىلچان قىلىش كېرەك. قانۇننى چوقۇم قاتتىق، قېلىپلاشقان، ئادىل ۋە مەدەنىي يوسۇندا ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر دېلونى بېجىرىش ۋە ھەر بىر ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە ساقچى قۇرۇش ۋە ساقچىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش، ئىستىلدا چىڭ بولۇش، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش ۋە خالىس تۆھپە قوشۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان يۇقىرى ساپالىق خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ