مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق ساقچىلىرىغا بايراق بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى ساداقىتى ۋە شان-شەرىپىنى يېزىپ چىقايلى

2020.08.27 17:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ تىك تۆت تەرەپلىك بايراقنىڭ قىزىل-كۆك رەڭلىرى ئېنىق بولۇپ، ساقچى ئىزنىكى ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىكى قىزىل رەڭ ئۇنىڭ ئاساسلىق رەڭگى بولۇپ، ئۇ، پارتىيەنىڭ خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى ۋە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى، ھەمدە خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق پاك ۋە مۇتلەق ئىشەنچلىك سىياسىي ئىپادىسىنى نامايان قىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىكى كۆك رەڭ بولسا، خەلق ساقچىلىرىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنى ئۇ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ تىنچ-ئامانلىقنى قوغدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ، جۇڭگو خەلق ساقچىلىرىنىڭ يېڭى بېكىتىلگەن ساقچى بايرىقى شەكلى بولۇپ، ئۇ يېڭى دەۋردىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى خەلق ساقچىلىرىغا روشەن يەتكۈزدى.

  8- ئاينىڭ 26- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ بايراقنى جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بەردى ھەمدە سۆز قىلدى. باش شۇجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ئېلىمىزنىڭ خەلق ساقچىلىرى چوقۇم پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن جان-دىل بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچ-ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇنلىشى كېرەك. باش شۇجىنىڭ بۇ تەلىم-تەربىيەسى سەمىمىي، جاراڭلىق ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىنىڭ يېڭى بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى باسقۇچتا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  بايراق دېمەك يۆنىلىش دېمەكتۇر. بايراق توغرا بولمىغانلىقتىن يۆنىلىش ئېنىق بولمىسا، ئاسانلا خاتا يولغا مېڭىپ قالىدىغان، يولدىن ئادىشىپ قالىدىغان ۋە يامان يولغا مېڭىپ قالىدىغان ئازغىندىلىق كېلىپ چىقىدۇ. بۈگۈن يېڭىدىن بېرىلگەن ساقچى بايرىقى بولسا، خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ، ئۇ خەلق ساقچىلىرىنىڭ شان-شەرىپى، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنىڭ سىمۋولىدۇر. ساقچى بايرىقى بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ئىش خۇددى يېڭى بىر باسقۇچنى باشلىغانغا ئوخشاش بىر ئىش بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە، ئاساسىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلايدىغان خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشى، قۇربان بېرىش ۋە تۆھپە قوشۇشقا رازى بولۇشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە خەلق مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق زور تۆھپە قوشۇشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق ساقچىلىرى پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان ۋە كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە قوشۇن بولالايدۇ.

  شۇنداق دېيىش كېرەككى، خەلق ساقچىلىرى قوشۇنى بولسا، ئەنئەنىۋى ۋە ئېسىل ئىستىلغا ئىگە قوشۇندۇر، ھەم شۇنداقلا تىنچلىق يىللىرىدا ئەڭ كۆپ قۇربان بولغان ۋە ئەڭ كۆپ تۆھپە قوشقان قوشۇندۇر. ئۇلارنىڭ كۈنلىرى تولىمۇ جاپالىق ئۆتىدۇ، ئۇلار ھەتتا قىممەتلىك ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بىلەن سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يىمىرىلمەس پولات ئىستىھكام قۇردى. شان-شەرەپ خەلق ساقچىلىرىغا مەنسۇپ، شۇڭا، شان-شەرەپنى چوقۇم قائىدە-يوسۇنلۇق ھالدا ۋە مەخسۇس مۇراسىم بىلەن خەلق ساقچىلىرىغا بېرىشكە تېخىمۇ ئەرزىيدۇ. خەلق ساقچىلىرىنىڭ روشەن سىياسىيلىققا ۋە كەڭ خەلقچىللىققا ھەمدە ساقچى كەسپىنىڭ ئۆز خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئاساسەن، ئۇلارغا ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە شان-شەرەپلەرنى بېرىش جەزمەن ئۇلارنى پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش ئۈچۈن شەخسىيەتسىز ھالدا ۋە قورقماس جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ