مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لۇەنچۇەن ناھىيەسى ساڭفاڭ يېزىسى ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، بامبۇك سېتىشتىن مەنزىرە سېتىشقا ئۆزگەردى

ئېكولوگىيە تامىقى ئۇزاق مۇددەتلىك تاماقتۇر (ھاللىق تۇرمۇشىمىزغا نەزەر)

2020.07.08 17:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  خېنەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسىم رايونلىرىدا نۇرغۇن ئاجايىپ مەنزىرىلەر بار. شيۇڭئېرشەن تېغى لۇەنچۇەن ناھىيەسىدە ئەگرى-بۈگرى تولغۇنۇپ، گۈزەل جىلغىلارنى بەرپا قىلغان، ساڭفاڭ يېزىسى دەل مۇشۇ چوڭقۇر جىلغا ئارىسىغا يوشۇرۇنغان.

  بامبۇكزارلىقتىكى خىلۋەت يوللار، قەدىمكى دېھقان ئۆيلىرى، ھاۋادا بىر خىل خۇش پۇراق دىماققا ئۇرۇلاتتى. كەنت ئېغىزىغا يېقىنلاشسا، يېزا-كەنت پۇقراۋى قونالغۇسى «ساڭفاڭ كىشىلىرى» كۆزگە چېلىقاتتى.

  «كېلىڭلار، كېلىڭلار، ئۆيگە مەرھەمەت!» پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ئىگىسى لى يىنشېڭ بىزنى كۈتۈۋېلىپ، ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغاچ چاي دەملىدى، تاغدىكى بۇلاق سۈيىدە دەملەنگەن ماۋجيەن چېيىنىڭ خۇش پۇرىقى ئەتراپقا تارالدى.

  _ «لاۋلى، تىجارىتىڭىز قانداقراق؟»

  _ «ھازىر ئازراق ياخشىلاندى، زاكازلار كۆپەيدى، بولۇپمۇ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ياتاقلار زاكاز قىلىنىپ تۈگەيدۇ»، دېدى لى يىنشېڭ جاۋابەن.

  _ «قانداق قىلىپ پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىشنى ئويلاپ قالغان ئىدىڭىز؟»

  _ «نامرات تۇرمۇشتىن زېرىكتىم. ‹ساياھەت قاچىسى›نى ئېلىپ، ‹ئېكولوگىيە تامىقى› يېگەندىن كېيىن، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى»، دېدى لى يىنشېڭ چاينى بىر ئوتلىۋېتىپ.

  تاغلىق كەنتتە يول ئېچىپ، قانداق قىلغاندا مەنزىرىنى «پايدا»غا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟

  ساڭفاڭ كەنتىنىڭ تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك بولۇپ، بۇ يەرگە لى يىنشېڭنىڭ بالىلىق ئەسلىمىسى، شۇنداقلا رېئاللىققا بولغان نائىلاجلىقى سىڭگەن.

  «تاغلار كۆپ، يەرلەر ئۈنۈمسىز، ئىلگىرى تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن ناچار ئىدى» _ لاۋلى ئەينى يىللىرىنى ئەسلەپ خورسىندى، بىر ئائىلىدىكى ئالتە جان كىشىنىڭ پەقەت بەش مو يېرى بولۇپ، تېخى چۆنەك ئېتىز ئىدى، بىر يىلدا بىر پەسىللىك كۆممىقوناق تېرىپ، بىر مو يەردىن 400~500 كىلوگىرام ھوسۇل ئالغىلىمۇ بولمايتتى.

  «بوز يەر ئېچىشقا تاغلار ئېگىز، يەر تېرىشقا يول يىراق كەلدى» كەنتتىكىلەر يانتۇلۇقنى كولاپ يەر تېرىپ، دەرەخ- بامبۇكلارنى كېسىپ «تاغنى غاجاپ تاز قىلىۋېتىپمۇ پۇل تاپالمىدى»، دېدى لى يىنشېڭ.

  يەر تېرىش ئاقمىسا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش كېرەك. نۇرغۇن ياشلارغا ئوخشاش لى يىنشېڭ 20 ياشقا كىرگەن يىلى سىرتقا چىقىپ ئەل كېزىدۇ. لېكىن بىرىنچىدىن ماھارىتى، ئىككىنچىدىن بىلىمى بولمىغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان كىرىمى تۆۋەن، چىقىمى يۇقىرى بولىدۇ، ئاجىز، كېسەلچان ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن بىرنەچچە يىلدىلا كەنتكە قايتىپ كېلىدۇ.

  ساڭفاڭلىقلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى گۈزەل تاغ-دەريالارنى ساقلاپ نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چىڭشيەننىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، 2013-يىلى پۈتۈن كەنتنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران 2000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، 185 ئائىلىلىكنىڭ ئىچىدە 112 ئائىلىلىك نامرات ئائىلە ئىكەن.

  «پۇت-قولىمىز بار تۇرۇپ يەنە نېمىشقا نامرات ئائىلىگە ئايلىنىپ قالدۇق؟» لى يىنشېڭ كۆڭلىدە بۇنىڭغا قايىل بولماي، چوقۇم ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشكە قەسەم قىلىدۇ.

  ساڭفاڭ كەنتى بىلەن بىر تاغ ئايرىلىپ تۇرىدىغان جۇڭدۇ كەنتى تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئىدى. ئوخشاش تاغ-دەريا، ئوخشاش شارائىتتا ئەھۋالى تامامەن ئوخشىمايتتى. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، يېزا-كەنت ساياھىتىگە تايىنىپ، جۇڭدۇ جىلغىسىدىكىلەر كىشىلەرگە تونۇلۇپ، تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى كىشىلەر بېيىيدۇ. 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭدۇ كەنتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، «ھەممە ئائىلە پىكاپ سېتىۋېلىپ، يېڭى ئۆي سېلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ ‹يېشىل بانكا›غا ئايلاندى».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ