خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ «رايون-بۆلەك زەنجىرى قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىمى»، «شەھەر باشقۇرۇش دائىرە خادىمى»، «ئالاقە تورى ماركېتىڭ ئۇستىسى» قاتارلىق توققۇز يېڭى كەسىپنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسىپ تۈرى قامۇسى (2015-يىللىق نەشرى)» جاكارلانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى يېڭى كەسىپلىرى. بۇ قېتىم يەنە «بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال ساتقۇچى»، «ئالاقە تورىدا ئۇچۇر تەكشۈرگۈچى» قاتارلىق بەش ئىش تۈرى ئېلان قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە «ئاممىۋى سەھىيە ياردەمچى مۇلازىمەتچىسى» كەسىپى قارىمىقىدىكى «يۇقۇم مۇداپىئە خادىمى»، «دېزىنفېكسىيە قىلغۇچى» ۋە «ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تازىلىق باشقۇرغۇچىسى» قاتارلىق ئۈچ خىل ئىش تۈرى كەسىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تۈركۈمدىكى يېڭى كەسىپلەرنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى جەمئىيەتتىن ئاشكارا توپلاپ، كەسىپنى تۈرگە ئايرىش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەشكىللەپ كەسىپنى تۈرگە ئايرىش پىرىنسىپى، ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا باھالاپ دەلىللىگەن ھەم تور تاراتقۇسى قاتارلىقلار ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېلان قىلغاندىن كېيىن بېكىتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ