مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 4 تارماق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈردى

2020.05.22 16:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مۇخبىرنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق 4 تارماق 5-ئاينىڭ بېشىدىن 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۇقتۇرۇشتا جايلارنىڭ كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىشكە دائىر بىرقاتار كونكرېت تەدبىرلەرنى چىقىرىشى ئېنىق بېكىتىلگەن، بۇلار نىشانلىق ئورۇنلارنى ئاجرىتىش، كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاممىغا ماس كېلىدىغان ئورۇنلارنى توپلاش، چوڭ تىپتىكى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىغا نىشانلىق ئىش ئورنى ئاجرىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئۆز يېرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە ئىش تېپىپ بېرىش ئارقىلىق ياردەم بېرىش تۈرى يولغا قويۇلۇپ، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تەرەققىيات رايونى، سانائەت باغچە رايونىنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى بىلەن تۇتاشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىپ، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلىپ، يېزا كەنتلەردە جامائەتچىل ئىش ئورۇنلىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆپەيتىلىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئامما شۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، چوڭ تىپتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىدا سىياسەت تەشۋىقاتى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلۇپ، كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەشكە تەشكىللىنىدۇ، توردا ۋە تور سىرتىدا ئىشقا قوبۇللاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئونمىڭدىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى ياكى كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئامما مەركەزلەشكەن ناھىيە، رايوندا مەخسۇس ئىشقا قوبۇللاش يىغىنى ئېچىشقا تەشكىللىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ