مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك ئالىي مائارىپ بويىچە ئوقۇش ئومۇمىي كۆلىمى 40 مىليوندىن ئاشتى

2020.05.21 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تور پونكىتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلغان 2019-يىللىق مەملىكەت بويىچە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك ئالىي مائارىپ بويىچە ئوقۇش ئومۇمىي كۆلىمى 40 مىليون 20 مىڭغا يېتىپ، ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %51.6كە يەتكەن.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپتىن 530 مىڭ 100ى بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 11 مىڭ 300ى ئاشقان؛ ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 282 مىليونغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 6 مىليون 606 مىڭ 200ى ئاشقان؛ مەخسۇس تەيىنلەنگەن ئوقۇتقۇچى 17 مىليون 320 مىڭ 300 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 591 مىڭ 800ى ئاشقان.

  يەسلى مائارىپى باسقۇچىدا، مەملىكەت بويىچە يەسلىدىن 281 مىڭ 200ى بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 14 مىڭ 500ى ئاشقان. يەسلى مائارىپى بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %83.4كە يەتكەن.

  مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپتىن 212 مىڭ 600ى، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىدىن 154 مىليونى، تەيىنلەنگەن ئوقۇتقۇچىدىن 10 مىليون 16 مىڭ 500ى بولۇپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %94.8 بولغان.

  مەملىكەت بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپتىن 24 مىڭ 400ى بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 55ى ئاشقان؛ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 39 مىليون 949 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 602 مىڭ 300ى ئاشقان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %89.5كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ