مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۆپ تارماق ئىمتىھان ئېلىپ تەكلىپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى

ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى بالدۇر ئىشقا ئورۇنلىشىش، ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم

2020.04.09 17:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچى 8 مىليون 740 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 400 مىڭ كىشى ئېشىپ، كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى. ئىلگىرى 3-، 4-ئايلار خىزمەت ئىزدەشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتى بولۇپ، بۇ يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن نەق مەيداندا تەكلىپ قىلىش يىغىنلىرى ئېچىلالماي، ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ ئېھتىياجى كېمىيىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدىشىگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭغا قارىتا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئارقا-ئارقىدىن تەدبىر چىقىرىپ يول ئېچىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇر ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن ئۆرلەپ ئوقۇش يولىنى تەڭ كېڭەيتىش

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنىڭ بىرقەدەر چوڭ بولىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇشۇ قاراردا ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش يولىنى كېڭەيتىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بەرمەكتە.

  بىر تەرەپتىن، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «ئالاھىدە ئىشتات پىلانى» قاتارلىق تۈرلەرنى تەشكىللەپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامغا، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئىجتىمائىي ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى؛ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئوقۇتقۇچى جىددىي كېرەكلىك بولۇۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا ۋە يەسلىلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

  يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئالاقىدار پەن ۋە كەسپىي ئۇنۋان تۈرىگە مايىللاشتى، ئوتتۇرا غەربىي قىسىم ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە مايىللاشتى؛ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئاساسلىقى كەسپىي مائارىپ تولۇق كۇرسى ۋە ئەمەلىي تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى جىددىي ئېھتىياجلىق كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  زور كۈچ سەرپ قىلىنىپ، ئىش ئورنى ئۇچۇرى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ يېنىغا يەتكۈزۈلىدۇ

  مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلار، ئالىي مەكتەپلەر ۋە جەمئىيەتتىكى داڭلىق تەكلىپ قىلىش تور پونكىتلىرى بىلەن بىرلىشىپ «24365 مەكتەپ ئىچىدە تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتى»نى ئورتاق قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى 24 سائەت پۈتۈن يىلنىڭ 365 كۈنىدە توردا مەكتەپتىن تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىر بۇ سۇپا 8 مىليون 330 مىڭ ئىش ئورنى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن تىزىملاتقان كىشىلەر 1 مىليون 320 مىڭغا يەتتى، ئەۋەتىلگەن قىسقىچە تەرجىمىھال 11 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ