خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئاكادېمىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىقى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى رايونلارغا ئايرىش تەتقىقات ئورنى باشلامچى بولۇپ، ئېلىمىزدىكى 12 كەسپىي پەن تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىشىپ، 21 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى قاپلىغان يۇقىرى توغرىلىقتىكى "رەقەملىك توپراق" سانلىق مەلۇماتى ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقىشنى ئورتاق تاماملىغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ، ئېلىمىزنىڭ ھازىرغىچە ئەڭ مۇكەممەل بولغان تۇپراق بايلىقى ۋە سۈپەت ئىلمىي خاتىرىسى ھېسابلىنىدىكەن.
نەتىجىنىڭ بىرىنچى ئورۇنلىغۇچىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك بايلىقى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى رايونلارغا ئايرىش تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ ۋېيلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، "رەقەملىك تۇپراق" دېگىنىمىز، رەقەملەشكەن تۇپراقنى كۆرسىتىدىكەن، ھەمدە ئۇ زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، تۇپراقنىڭ تۇپراق تىپى ۋە تۇپراق شەكلى قاتارلىق تارقىلىش ئالاھىدىلىكىنى تەقلىد قىلىدىغان ۋە قايتا نامايەن قىلىدىغان بىر ساھەنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ نەتىجە ئېلىمىزنىڭ 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن بۇيان غايەت زور مەبلەغ سېلىپ تاماملىغان تۈرى ئىكەن. ئۇنىڭدا تۇپراقنى تەكشۈرۈشتىكى چوڭ ماسشتابلىق خەرىتە ۋە ماتېرىياللارنى «قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك توپلاش» ۋە «بىرىكتۈرۈش» ئۇسۇلى ئارقىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇنلىغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، ئۇنى رەقەملەشكەن ئىپادىلەش شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ يۇقىرى توغرىلىقتىكى تۇپراق ئىلمىي سانلىق مەلۇماتىغا بولغان جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ