مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

28 مىڭ 600 سېسترا خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە قاتناشتى

2020.04.08 18:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- چېسلا، گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، سېسترالارنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇم مەزگىلىدە بىمارلارنى پەرۋىش قىلىشتا ئوينىغان مۇھىم رولنى تونۇشتۇردى.

  7- ئاپرېل 71- قېتىملىق دۇنيا سەھىيە كۈنى بولۇپ، بۇ يىلقى باش تېما «سېسترا ۋە ئاكۇشېرنى قوللاش» ئىدى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تېببىي مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش ۋالىيسى گو يەنخۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە بارغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ 42 مىڭ 600 ئەزاسى ئىچىدە 28 مىڭ 600 سېسترا بار بولۇپ، ئۇلار بارلىق ئەزالارنىڭ %70ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ سېسترالارنىڭ ئىچىدە يەنە 80-، 90- يىللاردا تۇغۇلغانلار ئومۇمىي سېسترا سانىنىڭ %90ىنى ئىگىلەيدۇ. گو يەنخۇڭ يەنە، ئۇ سېسترالار ئاساسلىقى ئېغىر كېسەللەرنى پەرۋىش قىلىش كەسپى، نەپەسلىنىش بۆلۈمى ۋە يۇقۇملىنىشنى داۋالاش بۆلۈمى قاتارلىق كەسىپلەردىن كەلگەنلەر بولۇپ، ئۇلار چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانىلاردا بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى قاتتىق كۆزىتىش، ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرگە مەسئۇل بولدى؛ ئېغىر كېسەللەرنى پەرۋىش قىلىش جەھەتتە، ئۇ سېسترالارنىڭ بىمارلارنى پەرۋىش قىلىشتىكى يۈكى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئۇ سېسترالار بىمارلارنىڭ ساقىيىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن كەسپىي تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى، دېدى.

  جۇڭخۇا پەرۋىش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى، 43- نۆۋەتلىك نىگتىنگال مۇكاپاتى مېدالىغا ئېرىشكۈچى، بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋۇ شىنجۈەنمۇ ۋۇخەندىكى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدە قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ئىدى. ۋۇ شىنجۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئېغىر تىپتىكى ۋە خەتەرلىك دەرىجىدىكى بىمارلارنى پەرۋىش قىلىش قائىدىسى»نى ئېلان قىلدى، پەرۋىش ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى پەرۋىش قىلىشنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان قوللانمىسى» قاتارلىقلارنى يېزىپ چىقىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇشىدا ناھايىتى ياخشى رول ئوينىدى. خەلقئارا سېسترالار جەمئىيىتى (ICN) يېقىندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى پەرۋىش قىلىش مۇلازىمەت تورى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ ئېغىر كېسەللەرنى پەرۋىش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ