مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆي-ئىمارەت ۋە شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %85.06 كە يەتتى

2020.04.07 17:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە ئۆي-ئىمارەت ۋە شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈر 186 مىڭ 600 بولۇپ، 158 مىڭ 700 قۇرۇلۇشتا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئىش ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى %85.06 بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىش ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى %90 تىن يۇقىرى (%90نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) 16 گە يەتكەن.

  مەملىكەت بويىچە تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى سىستېمىسى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قايتا ئىش باشلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى ھېساباتىنى بەرپا قىلىپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغىچە» بولغان خادىملارنى ئىش ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە تەشكىللەپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ، دەل جايىدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالدى. چۆكۈش شەكلىدىكى يېتەكچىلىك، بالا باققۇچى شەكلىدىكى مۇلازىمەت ئارقىلىق ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، خام ئەشيا-ماتېرىيال، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى، قاتناش-تىرانسپورت قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلەتتى. كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى پائال تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئىجارە ھەققىنى تۆۋەنلىتىش، تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، گۇۋاھنامىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى ئۇزارتىش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى «كۆرۈشمەي تۇرۇپ» تەستىقلاشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تۈرلەرنى تەستىقلاشتا «يېشىل يول» ئېچىپ، تەستىقلاش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تۈرلەردە ئىش باشلاشنى تېزلەتتى. كارخانىلارنىڭ توختامنى ئادا قىلىش، قۇرۇلۇش قىلىش باھاسى، ئەمگەكچى ئىشلىتىش، دەۋاغا جاۋاب بېرىش، ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەر ۋە مەسىلىلەرگە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغدىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ