مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش لازىم

جۇڭگو چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلار مەركەزلەشكەن دۆلەتلەرگە 500 مىڭ پارچە «ساغلاملىق سومكىسى» يۆتكەۋاتىدۇ (نوپۇزلۇق ئاخبارات)

2020.04.03 17:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى، خەلقئارا ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يۇقۇم مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما چاۋشۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇم دۇنيا مىقياسىدا كۆپ جايدا يامراپ كەتتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق 280 دىن ئارتۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىدىن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان خادىملار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى نۆۋەتتىكى جىددىي ۋە ئېغىر ۋەزىپە قىلىپ، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداشنى تەلەپ قىلدى. ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلار تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق، ئامال قىلىپ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيە لۆڭگىسى قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى تەييارلىدى. ھازىر چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىر قەدەر مەركەزلەشكەن دۆلەتلەرگە 500 مىڭ پارچە «ساغلاملىق سومكىسى» يۆتكەۋاتقان بولۇپ، 11 مىليوندىن ئارتۇق ماسكا، 500 مىڭ پارچە دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوللانمىسى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 12308 كونسۇل قوغداش قىزىق لىنىيەسى راۋانلىقىنى ساقلىدى، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلار ئومۇميۈزلۈك 24 سائەتلىك كونسۇل قوغداش تېلېفونى ئېچىپ، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ سوئالىغا ھەر ۋاقىت جاۋاب بەردى. ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلار شۇ جايدىكى چياۋمىن ساھەسىدىكىلەرنى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلار بىلەن قوشماق بولۇپ، ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىش سۇپىسى قۇرۇپ، ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئايرىۋېتىلگەن خادىملارنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ