مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ: تانزانىيە تەۋەلىكىدىكى بىر ئەر جۇڭگودا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، ئۇ ئەمدى بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە چېگرىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلدى

2020.04.03 17:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى پەن شۈخۇڭ 2- ئاپرېل ئېچىلغان بېيجىڭ شەھىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەلۇمات بېرىشىچە، تانزانىيەلىك بىر ئەر مەھەللە يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرىگە ماسلاشمىغاچقا، ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسەن، ساقچىلار بۇ ئەرگە مەمۇرىي جازا بېرىپ، ئۇنىڭ چەكلىك مۇددەت ئىچىدە چېگرىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان.

  پەن شۈخۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 3- ئاينىڭ 27-، 28- كۈنى بېيجىڭ چاۋياڭ ج خ شۆبە ئىدارىسى پەن جيايۈەن ساقچىخانىسى مەھەللە يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلغان مەلۇماتى ۋە تور ئەھلىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوبۇل قىلدى. مەلۇماتتا، بىر تانزانىيەلىك ئەر مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرىگە ماسلاشمىغانلىقى ئىنكاس قىلىندى. ساقچى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش قانۇنى»نىڭ 50- ماددىسى ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى»نىڭ 81- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شۇ ئەرگە مەمۇرىي جازا بېرىلدى ۋە ئۇ ئەر چەكلىك مۇددەت ئىچىدە چېگرىدىن چىقىرىۋېتىلىشكە بۇيرۇلدى.

  بېيجىڭ ساقچىلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: چېگرادىن كىرىپ بېيجىڭغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشلىرى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان جىنايى قىلمىشلارغا ساقچى تەرەپ قانۇن بويىچە باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ، شۇڭا، قانۇن بويىچە ئۇنداقلارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ