مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: يۇقۇم مۇداپىئە تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان ۋە يۇقۇم مۇداپىئە تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان چەت ئەللىكلەرگە قارىتا قانۇن بويىچە ئۇلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ

2020.04.03 17:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 2- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇم مۇداپىئە تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان، يۇقۇم مۇداپىئە تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان، جامائەت ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن چەت ئەللىكلەرگە قارىتا، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قانۇن بويىچە ئۇلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ .

  شۇ كۈنى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بەزى مۇخبىرلار مۇنداق دەپ سورىدى: يېقىندا چەت ئەللىكلەر جۇڭگودا ئۆيىدە ئايرىۋېتىپ كۆزىتىش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش تەدبىرلىرىگە ئەمەل قىلمايدىغان، تېببىي خادىملارنى ئۇرىدىغان ياكى كارانتىن سورۇنلىرىدا شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلۈپ تۇرغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋاللار تور ئەھلىلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  مەنمۇ توردىكى بەزى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدىم. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ خىل خەۋەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، دېدى خۇا چۈنيىڭ.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو جۇڭگودىكى چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو جۇڭگودىكى چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە تۇرمۇش كاپالىتىگە پائال ياردەم بەردى، جۇڭگودا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان چەتئەل پۇقرالىرىنى ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ قۇتقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە شۇنىمۇ تەكىتلەيمىزكى، جۇڭگودىكى بارلىق چەتئەل پۇقرالىرى چوقۇم «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇنلار ۋە جايلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، چۈنكى، بۇ بەلگىلىمىلەر ھەر بىر جۇڭگو پۇقراسى ۋە جۇڭگودىكى چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقى ئۈچۈندۇر.

  ئۇ يەنە تەكىتلەپ، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تەدبىرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرى بارلىق جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە جۇڭگودىكى چەتئەل پۇقرالىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. يۇقۇم مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان، يۇقۇم مۇداپىئە تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان، جامائەت ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن چەتئەللىكلەرگە قارىتا، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قانۇن بويىچە ئۇلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ