مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇبېي ئۆلكىسىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ 1- سېپىدە قۇربان بولغان 14 يولداش تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنقىلابىي قۇربان بولۇپ باھالاندى

2020.04.03 17:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش نىزامى» ۋە «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە قۇربان بولغانلارنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ روھىغا ئاساسەن، ۋاڭ بىڭ، فېڭ شياۋلىن، جياڭ شۆچىڭ، ليۇ جىمىڭ، لى ۋېنلياڭ، جاڭ كاڭمېي، شياۋ جۈن، ۋۇ يۇڭ، ليۇ فەن، شيا سىسى، خۇاڭ ۋېنجۈن، مېي جۇڭمىڭ، پېڭ يىنخۇا ۋە لياۋ جيەنجۈن قاتارلىق 14 كىشى (فامىلە خەت سىزىقىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بويىچە تىزىلدى)نى "يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش 1- سېپىدە قۇربان بولغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنقىلابىي قۇربان" دەپ باھالاپ چىقتى.

  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېلىمىزدە يۈز بەرگەن تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەڭ تېببىي خادىملار ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش خىزمەتچى خادىملىرى باتۇرلۇق بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ 1- سېپىدە تۇرۇپ ئىشلەپ، خۇبېينى قوغداش جېڭى ۋە ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى، نەتىجىدە، تىللاردا داستان بولغۇدەك زور بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار مەيدانغا كەلدى، ۋاڭ بىڭ قاتارلىق 14 يولداش دەل شۇلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ