مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى پىرىنسىپ جەھەتتىن بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن نەق مەيداندا مەكتەپ ئىمتىھانى تەشكىللەنمەيدۇ، دېدى

2020.03.13 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 12-مارت سىن يىغىنى ئېچىپ، 2020-يىللىق سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2020-يىلى مەملىكەت بويىچە سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرگە تىزىملىتىدىغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 150 مىڭ بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىنى كېچىكتۈردى. جايلار، ئالىي مەكتەپلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ كەڭ كۆلەملىك خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە توپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پىرىنسىپ جەھەتتىن 2020-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن نەق مەيداندا مەكتەپ ئىمتىھانى تەشكىللىمەسلىكى كېرەك.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەردىن ئوخشاش بولمىغان سەنئەت تۈرىدىكى كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تاللاش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتى لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. كەسپىي ئىمتىھان تەلىپى بىلەن مۇناسىۋىتى يۇقىرى بولمىغان كەسىپلەر، ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش ئىمتىھان بىلەن قاپلانغان كەسىپلەرگە قارىتا، ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ كەسىپ دائىرىسىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشى كېرەك. مەكتەپ ئىمتىھانىنى داۋاملىق ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان ئالىي مەكتەپلەرگە قارىتا ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئەسەر تاپشۇرۇش، توردا سىن ئارقىلىق يۈزتۇرانە ئىمتىھان بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باھالىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. كەسىپچانلىقى كۈچلۈك ھەمدە مەكتەپ ئىمتىھانىنى داۋاملىق ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان ئالىي مەكتەپلەرگە قارىتا، ئالدى بىلەن ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنى دەسلەپكى قەدەمدە تاللاشقا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن يەنە نەق مەيداندا ئىمتىھان ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. كونكرېت لايىھەنى ئالىي مەكتەپلەر بېكىتىدۇ. بەزى يېزا ۋە نامرات رايونلار قاتارلىق تور ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ھازىرلىمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قارىتا ئالىي مەكتەپلەردىن تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پائال قوللىنىپ، تولۇق كاپالەتلىك قىلىشنى، مەسىلەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچى مەنبەسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەقسىز سىن ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ