مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىز 54-دانە يەتىكەن يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

2020.03.10 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 19 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىز شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئۇزۇن سەپەر 3-نومۇرلۇق B توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق يەتىكەن سىستېمىسىنىڭ 54-دانە يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى. سۈنئىي ھەمراھ بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىردى، كېيىن ئوربىتىنى ئۆزگەرتىش، ئوربىتىدا سىناق قىلىش، سىناپ باھالاش ئېلىپ بېرىلدى، مۇۋاپىق پەيتتە تورغا كىرىپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  يەتىكەن سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەتىكەن 1- سىستېمىسى، يەتىكەن 2-سىستېمىسى، يەتىكەن 3-سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈردى، ھازىر يەتىكەن 1-ناملىق تۆت تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ھەممىسى سەپتىن چېكىندى، يەتىكەن 2-ناملىق سىستېمىنىڭ تۇنجى سۈنئىي ھەمراھىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئېلىمىز 54 دانە يەتىكەن يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى، يەتىكەن 3-ناملىق سىستېمىنىڭ پۈتۈشىگە پەقەت بىر قەدەملا قالدى.

  يەتىكەن سىستېمىسى 24 دانە ئوتتۇرا يۇمىلاق يەر شارى ئوربىتىسى، ئۈچ دانە يەر شارى تىنچ ئوربىتىسى ۋە ئۈچ دانە يانتۇ يەر شارى ماس قەدەملىك ئوربىتىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جەمئىي 30 دانە سۈنئىي ھەمراھتىن تەركىب تاپقان، بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگىنى 29-دانە تورلاشقان سۈنئىي ھەمراھ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 2-دانە يەر شارى تىنچ ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھى بولۇپ، بۇ خىل سۈنئىي ھەمراھ سۈنئىي ھەمراھ ئۇلىنى كۈچەيتىش، قىسقا خەۋەر ئالاقىسى، نازۇك يەككە نۇقتىلىق ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىق ئالاھىدە مۇلازىمەتلەردە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. 5-ئايدا، پىلان بويىچە ئەڭ ئاخىرقى يەر شارى تىنچ ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىلىدۇ. شۇ چاغدا يەتىكەن 3-ناملىق يەر شارى سۈئىي ھەمراھلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ