مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىز ياۋايى ھايۋانلار قانۇنسىز سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلدى

ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان ئىستېمال قىلىدىغان ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىش كېرەك

2020.02.25 17:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلار سودىسى ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىپ ۋە جازالاپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان ئىستېمال قىلىدىغان ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىپ، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، مۇھىم، زور ئاممىۋى سەھىيە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىدا قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان ئىستېمال قىلىدىغان ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  قاراردا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلاردا ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، سودىلىشىش، توشۇش، ئىستېمال قىلىش مەنئى قىلىنغانلىرىنى چوقۇم قاتتىق مەنئى قىلىش كېرەك. دۆلەت قوغدايدىغان «مۇھىم ئېكولوگىيە، ئىلىم-پەن، ئىجتىمائىي قىممىتى بار قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار» ۋە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان باشقا ھايۋانلارنى ئىستېمال قىلىش ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىنىدۇ، سۈنئىي كۆپەيتىلىدىغان، سۈنئىي بېقىلىدىغان قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دالىدا تەبىئىي ئۆسۈپ كۆپىيىدىغان قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئىستېمال قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا ئوۋلاش، سودىلىشىش، توشۇش ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىنىدۇ.

  قاراردا ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئىستېمال قىلىش، سودىلىشىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالاش بەلگىلەندى. ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىغان، سودىلاشقان، توشىغان، ئىستېمال قىلغانلارغا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن-بەلگىلىمىلەر ئاساسىدا ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدۇ. مەزكۇر قارارغا قوشۇلغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئىستېمال قىلىش ۋە ئىستېمال قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا ئوۋلاش، سودىلىشىش، توشۇش قىلمىشىغا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردىكى ئوخشاش تۈردىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش بەلگىلىمىسىدىن پايدىلىنىپ جازا بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ