مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16-سانلىق يىغىنىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2020.02.25 16:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16-سانلىق يىغىنىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باشلىقلىرى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، زور تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يېيىشتەك ناچار ئادەتنى تۈگىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ھەققىدىكى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قارار لايىھەسىدە مۇھىم نۇقتا ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يېيىشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتىلىپ، ئالاقىدار قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن ياۋايى ھايۋانلارنى يېيىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەپ، قانۇنغا خىلاپ ياۋايى ھايۋانلار سودىسىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىۋىي سەھىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىنى كېچىكتۈرۈپ ئېچىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىلدى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16-سانلىق يىغىنىنىڭ ئاۋازغا قويۇش تەكلىپ چارىسى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  ئومۇمىي يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، گۇرۇپپىلار يىغىنى ئېچىلىپ قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىلدى، يىغىنغا قاتناشقان ئەزالار بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: ئىككى قارار لايىھەسىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇلدى، بۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا پايدىلىق، شۇنداقلا ئاممىۋىي سەھىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ساغلاملىق بىخەتەرلىكى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ