مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق بايانات ئېلان قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى دېدى

2020.02.21 18:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نى خۇڭ 20- چېسلا مۇنداق دېدى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى باش بولۇپ، ھەمدە مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسى بىلەن بىرلىكتە، تۇرالغۇ جامائەت فوندى توغرىسىدىكى ئۈچ تۈرلۈك باسقۇچلۇق قوللاش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭدا، كارخانىلارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى دېدى، ھەمدە كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مەزگىلىدە تاپشۇرۇش ۋاقتىنى ئۇدا ھېسابلاپ، ھەر بىر ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزىنى نورمال ئېلىشىغا ۋە ئىلتىماس قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك، دېدى.

  نى خۇڭ گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىشچى-خىزمەتچىلەر، بولۇپمۇ 1– سەپتىكى تېبىي خادىملار ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش خادىملىرى، ھەمدە يۇقۇم سەۋەبىدىن ئايرىۋېتىپ كۆزىتىشكە قويۇلغان ياكى ۋاقتىنچە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن، تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلىنى نورمال قايتۇرالمىسا، سۈرۈك ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەش بېسىمى بار تاپشۇرغۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قارىتا، ئۆي ئىجارىسىنى ئېلىش نورمىسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش ھەمدە ئېلىش ۋاقتىنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇم بىر قەدەر ئېغىر ۋە خېلى ئېغىر بولىۋاتقان رايونلاردىكى كارخانىلارغا قارىتا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن تولۇق كېڭىشىش شەرتى ئاستىدا، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جامائەت فوندى تاپشۇرۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ. داۋاملىق تاپشۇرىدىغانلار، تاپشۇرۇش نىسبىتىنى ئۆز ئالدىغا كېڭىشىپ بېكىتسە بولىدۇ؛ تاپشۇرۇش توختىتىلسا، تاپشۇرۇش توختىتىلغان مەزگىلدە تاپشۇرۇش ۋاقتى ئوخشاشلا ئۇدا ھېسابلىنىدۇ، بۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى نورمال ئېلىشىغا ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزىنى ئىلتىماس قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە تۇرالغۇ جامائەت فوندى 16 تىرىليون 900 مىليار يۈەن تاپشۇرۇلۇپ، 10 تىرىليون 400 مىليارد يۈەن ئېلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ