مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھازىرقى تۇرمۇشىمىز گۈزەل ھەم خاتىرجەم

__ شىنجاڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئۆيىنى قايتا زىيارەت

2020.01.13 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «سىلەرنىڭ تۇرمۇشىڭلارنىڭ مۇشۇ سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مېنىڭ سىلەرنى يوقلاپ كېلىشىم پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان-ئالمىغانلىقىنى، رولىنى جارى قىلدۇرۇغان-قىلدۇرمىغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈندۇر. ئومۇمەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن ئىشلار دەل پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش قىلىش نىشانى. مەن سىلەرنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن».

  __ شى جىنپىڭ

  كەڭ كەتكەن ئاسفالت يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ياندىشىپ كەتكەن ھويلىلار قارىماققا ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. ئوخشاش قىزىل رەڭلىك دەرۋازىلەر ئىچىدە، ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ سېرىق رەڭلىك دەرۋازىسى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى.

  بۇ، شىنجاڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ 8-گۇرۇپپىسى. 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ دەرۋازىدىن ئۆتۈپ ھويلىغا كىرىپ، ئۆي ئىگىسىنىڭ ياتاق ئۆي، ئاشخانا، قوتان، باغ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى كۆرۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەن ھەم ھويلىدا يۇرتداشلار بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقان.

  «بىرقانچە يىلدىن بۇيان، مەن ۋە يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىدا خېلى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، بىز باش شۇجىنىڭ يەنە بىر كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېدى ئابدۇقېيۇم روزى سەمىمىيلىك بىلەن.

  مىننەتدارلىقنى قەلبىدە ساقلاپ غەيرەت بىلەن ئىشلەش

  «بۇلتۇر، باغ-ئورمان، كۆكتاتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ قالماي، يەنە گۈل تېرىدۇق. باش شۇجى يەنە كەلسە ئۇنىڭغا گۈل تەقدىم قىلىمەن. گۈل بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ سىمۋولى!»

  مۇخبىر بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. بۇ تەبەسسۇم كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقان تۇرمۇشتىن كەلگەنىدى.

  ئابدۇقېيۇم مۇنداق بىر ھېساباتنى قىلىپ بەردى: بەش يىل بۇرۇن، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئاساسلىقى ئۇ تىراكتور ھەيدەپ باشقىلارنىڭ يېرىنى ئاغدۇرۇش، زىرائەتلەرنى ئورۇش بىلەن تاپقان پۇلىغا تايىناتتى، يىللىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراق ئىدى؛ ھازىر، تىراكتور ھەيدىگەندىن باشقا، ئۇ يەنە ئايالى ئايشەمگۈل ئېزىز بىلەن كالا، كەپتەر بېقىپ، گۈل تېرىپ، يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.

  «ئالدىنقى قېتىم باش شۇجى كەلگەندە، مەن ئۇنى مېۋە-چىۋىلەر پىشقاندىن كېيىن يەنە بىر كېلىپ تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلغانىدىم. بۇلتۇر باغ-ئورمان، كۆكتاتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا يەنە گۈل تېرىدىم. باش شۇجى يەنە كەلسە، ئۇنىڭغا گۈل تەقدىم قىلىمەن. گۈل بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ سىمۋولى»، دېدى ئابدۇقېيۇم.

  تېخىمۇ راھەت ئولتۇرىدىغان بولدى. ھويلا-ئارانلارنى تۈزەش تۈرىنىڭ پايدىسى بىلەن، ئۆيدىكى كېسەك تاملار سېمونت- خىش تامغا ئۆزگەرتىلىپ، ھويلىدىكى يەرلەر پۈتۈنلەي قاتتىقلاشتۇرۇلدى. دەرۋازىدىن كىرسە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۇرمۇش رايونى، تېرىقچىلىق رايونى، باقمىچىلىق رايونى بولۇپ، پاكىز، رەتلىك ئىدى، ئىلگىرى «ئۈچ رايون» ئايرىلمايدىغان كونا قىياپەتتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. ئۆيدە ئائىلە-ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق بولۇپ، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئايال غوجايىن سافاغا يەنە ئاق رەڭلىك يىپەك ياغلىق يېپىپ قويغانىدى. توك پار بولغاچقا، سىرتتا مۇز تۇتۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆينىڭ ئىچى باھاردەك ئىللىق ئىدى.

  «ياخشى تۇرمۇش پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىدۇ. بىز باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، كوممۇنىستىك پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز». 2014-يىلىدىن باشلاپ، ئابدۇقېيۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيەنىڭ سىياسەت تەشۋىقاتچىسى بولۇشنى ئىلتىماس قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ