مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىرنەچچە تارماق ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى خىزمىتى بويىچە تەقدىرلەش-مۇكاپاتلاش چارىسىنى بىرلىشىپ بېسىپ تارقاتتى

2020.01.10 15:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ساھەسىدىكى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش خىزمىتىنى سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ساھەسىدىكى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىلمىيلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن كەڭ ھەربىيلەرنىڭ يېڭى دەۋرگە خىزمەت كۆرسىتىشى ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ئىشلىرى سىستېمىسىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى قاتارلىق ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىرلىكتە «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى خىزمىتىنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى، جەمئىي 15 ماددىلىق بۇ «چارە» ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «چارە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ساھەسىدىكى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاشتا، ئۈچ خىل دائىملىق تۈر تەسىس قىلىندى: بىرىنچىسى، «مەملىكەت بويىچە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن نەمۇنىچى ھەربىيلەر، مەملىكەت بويىچە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدىكى نەمۇنىچى ئورۇن ۋە شەخسلەر» بولۇپ، تەقدىرلەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ؛ ئىككىنچىسى، «مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر (ناھىيە)لەر، مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك ئورۇنلار ۋە مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەخسلەر» بولۇپ، تەقدىرلەش مۇددىتى تۆت يىل بولىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەر (ھەربىي دەم ئېلىش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەر، ئىلغار ھەربىي دەم ئېلىش كادىرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)» بولۇپ، تەقدىرلەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. ئادەتتە تۈرلەر بويىچە تەقدىرلەنگەندىن كېيىنكى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە يولغا قويۇلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «چارە»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بولسا، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ساھەسىدىكى سىياسەت، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن كەڭ ھەربىيلەرنىڭ شان-شەرەپنى قەدىرلەپ ۋە مەڭگۈ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋرگە ئىلگىرىلەپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇشتىكى ھەر دەرىجىلىك كاپالەت ئاپپاراتلىرى ۋە كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىلغارلاردىن بولۇش ۋە ياخشىلاردىن ئۈلگە كۆرسىتىشتەك قويۇق كەيپىياتنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ